ئاق ساراي باياناتچىسى روبرت گىببىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 29 - مارت (دۈشەنبە) كۈنى، خىتاينىڭ يېڭىدىن تەيىنلىگەن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ ياسۇينى قوبۇل قىلغاندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر ئاكتىپ مۇناسىۋەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئىستەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئوبامانىڭ خىتاي بىلەن ئاكتىپ مۇناسىۋەت تىكلەشنى ئىستەۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، يۇەننىڭ ئابروتتىكى قىممىتى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ۋە دالايلامانى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تالاش-تارتىش، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن جىددىيلىشىپ قاتماللىشىپ قالغان ئىدى. ئوبامانىڭ بۇ قېتىم خىتاينىڭ يېڭى باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي بىلەن ئاكتىپ مۇناسىۋەت تىكلەشنى ئىستەۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ھامان، خىتاي دەرھال ئوبامانىڭ سۆزىنى قارشى ئالدى ۋە ئوبامانىڭ بۇ سۆزىنى 'ئاكتىپ پوزىتسىيە' دەپ ماختىدى.
خىتاينىڭ 'ئامېرىكا بۇ قېتىم خىتايغا يېڭىدىن ۋەدە بەردى' دېگىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر نەچچە ئايدىن بۇيان مۇناسىۋەت يىرىكلەشكەن ئىدى. ئوبامانىڭ بۇ قېتىم قىلغان سۆزى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ پەسىيىشكە يۈزلەنگەنلكىدىن بىر بىشارەت.
ئەمما، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭنىڭ 'ئامېرىكا بۇ قېتىم بىر خىتاي سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى، تەيۋەن، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقى ھەققىدە خىتايغا يېڭىدىن ۋەدە بەردى' دېگىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بۇ سىياسەتلىرىنى يىللاردىن بۇيان ئۇچۇق جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەيۋەن قانۇنى بۇيىچە تەيۋەنگە قورال سېتىپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا يەنە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۆلەت سىياسىتى بۇيىچە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى تەكرارلاش يېڭىدىن ۋەدە بەرگەنلىك ئەمەس.
خىتاي ئۆزى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە يۈزلەندى
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر كېلىپ چىققان يېڭى ۋەزىيەت، خىتاينىڭ يېڭى باش ئەلچىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە پەيدا بولغان جىددىيلىكنى پەسەيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ۋە خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئوبامانىڭ سۆزىنى قارشى ئالغانلىقى، خىتاينىڭ ئۆزى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسىيىشكە يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىران مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئاغزى يۇمشىدى
ئامېرىكا يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ۋە بۇنىڭدىن ئىنسانىيەتكە كەلگۈسى بالايئى - ئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈش كېلىپ چىققان ئىدى.
بۇ قېتىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭ 'خىتايمۇ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىنى خالىمايدۇ ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇشنى ئىستەۋاتقانلىقىدىن خوش بولىدۇ' دەپ جاكارلىدى. دېمەك ھازىر ئىران مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئاغزى يۇمشىدى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئەمدى بىر يېڭى ھەم ئىنتايىن قېيىن سۆھبەت باشلىشى مۇمكىن
مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئەمدى، بىر يېڭى ھەم ئىنتايىن قېيىن سۆھبەت باشلايدىغان ۋاقىت جەدۋىلىنى كېلەر ئايدا ئېلان قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ھازىر خىتاي پۇلىنىڭ ئابروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى، سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر بۇيىچە بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان جىددىي تالاش - تارتىشلار تېخى ھەل بولغىنى يوق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.