دوكلاتتا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈپ مەنپەئەتلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا ئەللىرىدىكى پائالىيىتىنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنى رايوندىكى رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي - ئامېرىكا سودا - ئىقتىساد مۇناسىۋىتى، مەتبۇئات كونتروللۇقى، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۈتلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر يۈرگۈزگەن ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن.
جەمئىي 4 باپ 367 بەتلىك دوكلاتنىڭ 3 - باپى مەخسۇس خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۈتلۇقىغا ئايرىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۈتلۇقىنىڭ تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى چىقىش قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ": خىتاينىڭ رايوندىكى مەنپەئەتى تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئەسەبى دىنىي كۈچلەرنىڭ دۆلەت ئىچىنى قالايمىقان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھىندىستان، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەر بىلەن رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، سودا ۋە ئىقتىسادى سېلىنمىنى كۈچەيتىشتۇر. چۈنكى خىتاي پاكىستان بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى ھەربىي، سىياسى مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ئافغانىستانغا سالغان ئىقتىسادى مەبلىغىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن بۇ ئىككى دۆلەتتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچ بولۇپ قالدى."
دوكلاتتا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا مەنپەئەت ئورتاقلىقى بارلىقىنى، مەنپەئەت جەھەتتىكى بۇ ئورتاقلىقنىڭ "رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ئافغانىستان بىلەن پاكىستاندا نۇرغۇن مەنپەئەتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئافغان ۋە پاكىستاندىكى مەنپەئەتىنىڭ تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. "بېيجىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رايوندىكى مەۋجۈتلۇقىغا دىققەت قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن بولغان چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى، ئىسلام رادىكاللىرىنىڭ خىتاي زېمىنىغا سىڭىپ كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىستەيدۇ شۇنداقلا ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ مۇقىملىقى خىتاينىڭ رايوندىكى ئىقتىسادى مەنپەئەتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ دەپ قارايدۇ."
دوكلاتتا خىتاينىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشى خىتاينىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە رايوندىكى ئىقتىسادى مەنپەئەتىگە خىلاپ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدىكى مىللىي مۇناسىۋەتلەر ناھايىتى نازۇك رايون ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگراسىدىكى بۇ رايوننىڭ " بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەر ۋە تۈركى تىلدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن خىتايدىكى كۆپ سانلىق خەنزۇلار ئارىسىدا مىللىي توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىك تارىخىي بار"لىقىنى بىلدۈرگەن. "رايوندىكى مىللىي زىددىيەت ۋە مۇقىمسىزلىقلار 2009 - يىلى ئىيۇلدا يۈز بەرگەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، ئېغىر مىللىي توقۇنۇش يۆز بەرگەنلىكى،" بۇ ۋەقە "ئاز دېگەندە 197 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 1600 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتنىڭ بۇ قىسىمىدا خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، كېيىنكى يىللاردا بەزى ئۇيغۇرلار بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئەل قائىدىگە قاتناشقان "خىتاي جىھادچىلىرى"نىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا "شىنجاڭدا مىللىي داۋاگەرلىك ھەرىكىتى بۇرۇندىنلا مەۋجۈت ئەنئەنىۋى مىللىي ئىختىلاپ بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى 3 يىلدا جىھاد ھەرىكەتلىرى رايوندىكى مۇسۇلمان جامائىتى ئارىسىدا كېڭىيىپ، جىھادچىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ۋە سان جەھەتتىكى ئورامى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. نۇرغۇن 'خىتاي جىھادچىلار' ئەل-قائىدە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلغان. بىر قىسىملىرى ھازىرمۇ پاكىستاندا ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا يەنە، رايوندىكى خىتايغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ يەنە بىرى، رايوندىكى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى ئىكەنلىكىنى، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى خىتاينىڭ غەربىي رايونى ئۈچۈن جىددىي بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى شىنجاڭدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يامرىشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىدىكى غەزىرى يالغۇز يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ پاكىستاننى كۆۋرۈك قىلىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشنى ئويلايدىغانلىقىنى، پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەت خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە خىزمەت قىلدۇ دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى، "بۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى كەڭ ئەللەر بىلەن خىزمەت مۇناسىۋىتى قۇرۇپ، ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى پۇرسەتنى كۆپەيتىش ئۈچۈن مۇھىم" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىگە ئالاھىدە يەر بېرىپ، "شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئىيۇلدىكى مىللىي توقۇنۇشنى باستۇرۇش، خىتاي دائىرىلىرىگە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىماسلىقنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى،" بۇ مەسىلىدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك بىر تونۇش بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ "جوڭگو ئۆزىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسيانىغا ئۇچراش ياكى خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ جىددىي ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ئالدىنقى سەپتىن يىراق تۇرۇش كېرەك" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا بەزى مۇتەخەسىسىلەرنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىتاي مەبلىغى ئۇنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، "خىتاينىڭ رايوندىكى يېڭى رولى ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۇنىڭ دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇق ياكى سودا مەنپەئەتىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىشى مۇمكىن" دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.