بۇلاردىن بىرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىن لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشى، پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر قوللىنىدىغان ئورتاق تىل يارىتىش ئىدى. تۈركىيە 1992 - يىلى پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن تىلشۇناسلارنى چاقىرىپ تۈرك ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا لاتىن ئېلىپبەسىنى تۈزۈپ چىقتى.
ھازىر ئازەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان بۇ يېزىقنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، قازاقىستان، قىرغىزىستانلىقلار تېخى قوبۇل قىلمىدى. ھازىر بەزى تۈركولوگلار پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ئالاقە تىلى قىلىپ قوللىنىدىغان ئورتاق تىل يارىتىشقا تىرىشماقتا. بۇلاردىن بىرى ئۆزبېكىستانلىق تونۇلغان ئىلىم ئادىمى پروفېسسور بەختىيار كەرىموف ئەپەندىدۇر. ئۇ 1992 - يىلى ئۆزبېك ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا " ئۇرتا تۈرك تىلى " نامىدا بىر كىتاب يازغان بولۇپ، كىتابدا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان ئورتاق تىلنى يارىتىش ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پروفېسسور بەختىيار كەرىموف ئەپەندى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىلىنى يارىتىش ھەققىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە، تۈركىيىدە، تاتارىستاندا ۋە سىبىرىيىدىكى تۇۋا ۋە خاكاس رايونلىرىدا 200 دىن كۆپ لېكسىيە سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستاندا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمۇ چاقىرغان.
تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق قوللىنىدىغان بىر ئورتاق تىل يارىتىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ تەكلىپكە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ زىيالىيلىرى قانداق قارايدۇ؟ ئۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ 250 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر چۈشىنەلەيدىغان ئورتاق تىلنى يارىتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 1991 - يىلىدىن بېرى بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
پروفېسسور بەختىيار كېرىموف ئەپەندى ئورتاق تىل يارىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئۆزبېكچە تۈركچە كىتابلار نەشىر قىلدۇرغانلىقىنى، مەخسۇس خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرغانلىقىنى، ھازىرغىچە ھەرقايسى دۆلەتلەردە 200 قېتىمدىن كۆپرەك لېكسىيە بەرگەنلىكىنى، تۈركىي مىللەت زىيالىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ئىش پىلانىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.
پروفېسسور بەختىيار كېرىموف ئەپەندى تۈركىي تىللاردىن پايدىلىنىپ بىر ئورتاق تىل يارىتىپ ئۇنى دۇنيادىكى چوڭ تىللارغا ئوخشاش كۈچلۈك بىر تىلغا ئايلاندۇرۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.
پروفېسسور بەختىيار كېرىموف ئەپەندى ئورتاق تىل يارىتىش ئۇسۇللىرىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈردى. ئۇ بۇ كۆز قارىشىنى تۈرك دۇنياسىدىكى نۇرغۇن زىيالىيلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.