ئامېرىكا-خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى ۋە تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمى

يەكشەنبە كۈنى، 6 نەپەر تالىبان پاكىستاننىڭ كاراچىدىكى مىھران ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ، پاكىستان ئەسكەرلىرى بىلەن 10 نەچچە سائەت ئېتىشتى ۋە 17 نەپەر چەتئەللىكنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

0:00 / 0:00

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تالىبانلار يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچىدىكى مىھران ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغىغان. پاكىستاننىڭ مىھران ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا پوستتا تۇرغان ۋە كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان 100 نەپەر ئەسكىرى، شۇ كۈنى كەچ سائەت 11دىن كېيىن، ھۇجۇم قوزغىغان 6 نەپەر تالىبان بىلەن 10 نەچچە سائەت ئېتىشقان. پاكىستان قىسىملىرى ئاخىرقى ھېسابتا، تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان 17 نەپەر چەتئەللىكنى قۇتقۇزۇۋالغان. تالىبانلار بۇ ھۇجۇمنى، ئامېرىكىنىڭ ئوساما بىن لادېننى مەخپىي ئۆلتۈرگەنلىكىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۆچ ئېلىش دەپ جاكارلىغان.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راخمان مالىكنىڭ ئېيتىشىچە، تېررورچىلار پاكىستاننىڭ مىھران ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋەقەدە، پاكىستان تەرەپتىن 16 ئادەم ئۆلگەن (بۇنىڭ 10ئى ئەسكەر)، 20 ئادەم يارىلانغان. پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەخسۇس تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىدىن P-3C بەلگىلىك سۇ ئاستى پاراخوتلارنى چارلاشتا قوللىنىدىغان، ئامېرىكىدىن سېتىلىۋالغان ئىككى ئايروپىلانى پاچاقلانغان. تالىبانلاردىن 3 ئى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە بىرى ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلگەن، ئىككى تېررورچى نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقەدە تېررورچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 17 نەپەر چەتئەللىكنىڭ 11ئى خىتاي، پاكىستان ھاۋا قىسىملىرى ئۈچۈن ئۇچقۇچى تەربىيىلىگۈچىلەر، 6 سى ئامېرىكىلىق ئايروپىلان مىخاينىكى. پاكىستان قىسىملىرى بۇ 17 نەپەر چەتئەللىكنىڭ ئاران بىرىنى قۇتقۇزالمىغان.

پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ گىلانى دۈشەنبە كۈنى، پاكىستاننىڭ مىھران ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى قەھرىمان دەپ جاكارلىغان. بۇ ۋەقەدە تېررورچىلار بىلەن ئېلىشقان پاكىستان ئەسكەرلىرىنى پاكىستاننىڭ پەخرى دەپ مەدھىيىلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، 6 نەپەر تالىبان پاكىستاننىڭ كاراچىدىكى مىھران ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، پاكىستاننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى پاچاقلاپ، بۇ ھەربىي بازىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان 17 نەپەر چەتئەللىكنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى ۋە يۈزلىگەن پاكىستان ئەسكىرى بىلەن 10 نەچچە سائەت ئېتىشقانلىقى، بۇ شىددەتلىك ئېتىشىشتا تالىبانلاردىن يەنە بىر نەچچىسى ساق قېلىپ، ھەتتا نەق مەيداندىن قېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارادا بىر مۇنچە دۆلەتلەردە، پاكىستان قىسىملىرىنىڭ ئىقتىدارىغا نىسبەتەن چوڭ گۇمان پەيدا بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، ئاخبارات يىغىنىغا قاتناشقان مۇخبىرلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈنىڭ، تالىبانلار پاكىستاننىڭ كاراچىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا گۆرۈگە ئېلىۋالغانلارنىڭ ئىچىدە خىتاي پۇقراسى بارلىقى، شۇنداقلا پاكىستاننىڭ، خىتاينى كاراچىدا دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇشقا ئاللىقاچان تەكلىپ قىلغانلىقىدىن ئىبارەت خەلقى -ئالەمگە ئاشكارا ئىشلارنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغانلىقىدىن ھەزەر ئەيلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كابۇلدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكا، پاكىستان، ئافغانىستان دىپلوماتلىرى كابۇلدا ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىدە، پاكىستان دىپلوماتلىرى، ئافغانىستاننىڭ تالىبانلار بىلەن كېلىشىپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يەكشەنبە كۈنى ياۋروپا زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا ب ب س ئاگېنتلىقىغا، ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما پاكىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەتلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خۇددى ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ئوساما بىن لادېنغا قارشى قوزغىغان مەخپىي ھەرىكەتكە ئوخشاش ھۇجۇملارنى پاكىستاندا ۋە ھەر قانداق باشقا جايدا يەنە قوزغايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئوباما سۆزىدە، ئافغانىستان بىلەن تالىبانلار سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىق ئىمزالاپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، تالىبانلار ئۆزى ئالدى بىلەن ئەلقائىدىچىلەردىن ئالاقىسىنى ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.