ئامېرىكا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كۈچ سېلىشۇرمىسىنى - خىتاي بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيىدە مەڭگۈلۈك ھەربىي بازا قۇرۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىىسنىڭ قۇرۇقلۇۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئەمدى يەنە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قىرغاقلاردا ئۇرۇش قىلىدىغان ئەڭ ئىلغار ئىككى پاراخوتىنى سېنگاپورغا ئورۇنلاشتۇردى. ئامېرىكا ھازىر سېنگاپوردا مەڭگۈلۈك ھەربىي بازا قۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئاخىرىقى رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھازىر سېنگاپورغا ئەڭ زامانىۋى پاراخوت ئەۋەتكەنلىكى، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىلەردە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش قالقان سېستىمىسى، ئاۋسترالىيىدە دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى يەنە بىر يېڭى ھەرىكىتى. ئامېرىكا ئاۋسترالىيىدە قۇرغان ھەربىي بازا خىتايغا تۆت مىڭ كىلومېتىر يېراقلىقتا بولسا، سېنگاپوردا قۇرۇۋاتقىنى شاڭخەيگە ئىككى مىڭ كىلومېتىر يېراقلىقتا. سېنگاپور جەنۇبىي دېڭىزنىڭ )خىتاي ئۆزى «جۇڭگو دېڭىزى» دەپ ئاتاۋاتقان دېڭىزنىڭ( جەنۇبىي قىرغىقىدا؛ خىتاي بىلەن فىلىپپىن، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا دېڭىز تەۋەلىكى تالاش - تارتىشى بولۇۋاتقان جايدا؛ ھىندى ئوكياندىن جەنۇبىي دېڭىزغا ئۆتىدىغان خەلقئارالىق قاتناش يولىدا - مولۇككا ئاراللىرىدىكى ئەڭ ئالدىراش خەلقئارالىق قاتناش يولىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىشكە ئەڭ قولايلىق جايدا؛ بۇ جاي خىتايغا تېخىمۇ يېقىن، شاڭخەي شەھىرىگە ئاران ئىككى مىڭ كىلومېتىر يېراقلىقتا. ئەگەر ئامېرىكا مۇشۇنداق تېز ئىلگىرىلەپ يەنە بىر قەدەم باسسا، خىتاينىڭ چېگرىسىغا دەسسەيدۇ.
ئامېرىكا يېقىندا سېنگاپورغا ئەۋەتكەن ھەربىي پاراخوتلار پەۋقۇلئاددە چوڭ پاراخوتلار ئۈچۈن قولايسىز بولغان، ئوكيانلارنىڭ چوڭقۇر بولمىغان جايلىرىدا ياكى دېڭىز قىرغاقلىرىدا ھەرخىل مۇرەككەپ ئۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قوللىنىدىغان كېچىك ھەم ئەڭ زامانىۋى ئۇرۇش پاراخوتلىرى. دېمەك، ھازىر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى خىتاينىڭ چېگرىسىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بۇ يېڭى ھەرىكىتىدىن، ئامېرىكىنى بۇنىڭدىن كېيىن تىنچ ئوكياندىن ھەرگىز قوغلاپ چىقىرالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئەتلەرنى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا قويمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى يەن شۆتاڭ ھازىر،خىتايدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ھەربىي كۈچ بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا جىددىي رىقابەت پەيدا بولۇشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى، مۇناسىۋەتنى توقۇنۇشسىز يولغا قويالىشى مۇمكىن، دېگەن كۆز قاراشتا.
«بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى كولۇم مىكليودنىڭ قارىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما بۇ قېتىم خىتايغا ئىنتايىن ئېنىق سېگنال بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىن ھەرگىز كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى، شۇنداقلا بۇ رايوندا ئۆزىنىڭ دوستى قالمىغانلىقىنى، بەلكى ئاللىقاچان مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.
ھىندىستاندا چىقىدىغان «مىللەت» گېزىتىنىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىر خىل ئەڭ يېڭى قورالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلدى. بۇ، دۇنيادىكى ئەركىنلىككە تەشنا خەلقلەر ئۈچۈن بىر ئىلھام. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ سىناقتا، ھاۋايى ئاراللىرىدىن ئۇچقان بىر ئوق تۆت مىڭ كىلومېتىر يېراقلىقتىكى مارشال ئاراللىرىدىكى بىر خادا تاشتىكى نىشانغا يېگىرمە مىنۇتتا نەق تەگدى. بۇ قورالنىڭ نامى AHW يەنى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئىلغار قورال دەپ ئاتالدى. بۇ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان زامانىمىزدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز قورال ھەر قانداق بومبىنى يۈكلەپ ئۇچۇپ، بەش مىڭ كولومېتىر دائىرىسىدىكى ھەر قانداق نىشانغا بىر سائەتكە يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۇنىڭ يەنە بىر ئىلغارلىقى.
0:00 / 0:00