ئوبامانىڭ خىتايغا قارىتا قىلغان قاتتىق سۆزلىرى زىيانلىقمۇ؟

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى ئاياغلاشقاندا ئوباما خىتاي ھەققىدىكى بايانلىرىدا ئىنتايىن يېرىك-قوپال سۆزلەرنى قوللانغان.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئاراللىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2011-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى 11‏-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى توققۇز دۆلەت خىتاينى قوشمىغان ھالدا ئەركىن سودا چەمبىرىكى قۇرۇشقا كېلىشىپ ئاياغلاشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، يىغىن ئاياغلاشقاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، مۇخبىرلار ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى رەھبەرلەر بىلەن سۆزلەشكەندە، خىتاي ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ناھايىتى يېرىك-قوپال بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئوباما ئۇنىڭغا جاۋابەن يەنىلا، بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سىياسىي دېگەننىڭ ئۇنداق نازاكەتلىك، سىپايە بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر، مەن پەقەت خۇ جىنتاۋغا، سودىدا يۈز بەرگەن كونكرېت مەسىلىنى كۆرسەتتىم، دۇنيادا ھەممە دۆلەت رىئايە قىلىدىغان مەبلەغ سېلىش ۋە تىجارەت قىلىش قائىدىسىگە خىتايمۇ چوقۇم رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم دېگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، خىتايغا قارىتا ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر ھېچقاچان قوللىنىپ باقمىغان يېرىك-قوپال سۆزلەرنى قوللانغان. مەسىلەن، خىتاي ئەمدى بالىلىق يېشىدىن ئۆتكەن چوڭ ئادەمدەك ئىش قىلىشى كېرەك، خىتاي ئەمدى خەلقئارانىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئەخمەق قىلىمەن دەپ خىيال قىلمىسۇن، خىتاي قوللىنىۋاتقان پۇل سىياسىتىنى ۋە سودىدا قىلىۋاتقان قىلىقلىرىنى ئەمدى توختاتسۇن، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن سەۋرى-تاقەت قىلىپ تۇرمايدۇ، دېگەندەك قوپال سۆزلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىۋەرگەن.

خىتايچە چىقىدىغان دوۋېي ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئاراللىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2011-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاينى كۆپ قېتىم قاتتىق سۆزلەر بىلەن توپقا تۇتقان. گەرچە ئوباما خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتايمۇ چوقۇم باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش قائىدە-تۈزۈمگە بويسۇنۇشى كېرەك، خىتاي ھەرگىز خەلقئارا قائىدىلەردىن يوچۇق تېپىپ، ئامېرىكىدىن پايدا ئالىمەن دېگەن خىيالدا بولماسلىقى كېرەك، دېگەندەك قاتتىق سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ سۆزلەرگە قۇلاق يوپۇرغان. چەتئەل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ھازىر، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوبامانىڭ شۇ قەدەر يىرىك گەپلىرىگە قۇلاق يوپۇرۇپ، ئىنكاس قايتۇرماي جىم تۇرغانلىقىدىن ھەيران بولماقتا.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە،گەرچە خىتاي رەھبەرلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا خىتايغا قارىتا قىلغان يىرىك ھەم سەمىمىي سۆزلىرىگە ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل قۇلاق يوپۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچىسى ليۇ جېمىن بۈگۈن باشقا بىر سورۇندا، قايسى بىر دۆلەت تۈزۈۋالغان قائىدىلىرىگە خىتاينىڭ چوقۇم رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق، دېيىش ئارقىلىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتايغا قارىتا قىلغان سۆزلىرىگە دارىتمىلاپ قارشىلىق بىلدۈرگەن.

رويترس ئاگېنتلىقى بۈگۈن، ئوبامانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا خىتايغا قارىتا قىلغان يىرىك سۆزلىرى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن خېيىمخەتەر پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارمۇ-يوقمۇ، دېگەن تېمىدا مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلغاندا، برۇكلىن تەتقىقات ئورنىدىكى خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى جونازەن پوللاك، ئوباما خىتاي بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، چوقۇم شۇنداق ئوچۇق-يورۇق، ئۈنلۈك ۋە سەمىمىي سۆزلەرنى قوللىنىشى كېرەك، دېگەن. ئاۋسترالىيە سېدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى جوھن لىى، ئوبامانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا خىتاي ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشى تۇرغان گەپ، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى جەھەتتە ئامېرىكا بىرمىڭ ئالتە يۈز پۇت كەلسە، خىتاي ئاران سەككىز يۈز پۇت دېگەن.