ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 'ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى' جىدىلى يەنە باشلاندى

خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىنمۇ، خىتايدا ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتال، د ۋ د، سائەت، كىيىم - كېچەك ۋە قىممەت باھالىق تېرە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ھەر خىل ماللار، ساختا ماركا چاپلانغان ماللار، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدىغان زەھەرلىك ماددا قېتىلغان مەھسۇلاتلار دۇنياغا يامراپ كېتىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەسىلە ھەل بولمىدى، بەلكى خىتاي ئۆزى تۈزۈۋالغان بەزى نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەر تۈپەيلىدىن، خىتاينىڭ ساختا ماللىرى داۋاملىق بازارغا كىرىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىۋەردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ 2007‏ - يىلى 4 ‏ - ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش بۇيىچە خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ئىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەرزىيەتلەرگە ھۆكۈم چىقىرىش گۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقاردى. ھۆكۈمدە 'خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئورگانلىرى ۋە قائىدە - تۈزۈملەر مۇكەممەل ئەمەس، خىتاينىڭ سودىدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشى دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس' دەپ كۆرسەتتى.

ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ھەققىدىكى ئەرزىيەتتە ئامېرىكا ئۇتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ تۈنۈگۈنكى ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەرزدە ئۇتۇپ چىققان ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى پىتېر ئالگېير بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 'خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سىستېمىسى مۇكەممەل ئەمەس' دېگەن باھاسىنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يەنە 3 خىل توسالغۇنى، يەنى بىرىنچىدىن، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى توغرىسىدا خىتاي ئۆزى تۈزۈۋالغان نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەرنى؛ ئىككىنچىدىن، خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ ئىشلەنگەن ساختا ماللار مۇسادىرە قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى تۆكۈپ سېتىشقا قىلىنىۋاتقان توسقۇنلۇقنى؛ ئۈچىنچىدىن، خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا ماللارنى جىنايەت دەپ ھېسابلاشنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا خىتاي ئۆزى بەلگىلىۋالغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ ھۆكۈمىگە قارشى چىقتى

ئەمما خىتاي تەرەپ بۈگۈن دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ ھۆكۈمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ خىتاينى قوللىمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

'خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ياۋ جيەن بۈگۈنكى باياناتىدا 'دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەرزلەرگە ھۆكۈم چىقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىدە بىزنى قوللىمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىمىز' دەپ جاكارلىغان. ئۇ باياناتىدا يەنە 'بىز خەلقئارا سودا تەشكىلاتنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قايتىدىن باھا بېرىمىز' دەپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە 'ھۆكۈمىتىمىز ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ھۈرمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ 30 يىللىق ئىسلاھات جەريانىدا، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتە قانۇن تۈزدى، تەشۋىقات ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كەلدى. 2008‏ - يىلىدا يەنە 'جۇڭگونىڭ ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش تېزىسى'نى تۈزۈپ چىقىپ، خەلقئارادىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇۋاتىدۇ'، دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن.

سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەرزلەرنى سوراپ ھۆكۈم چىقىرىشقا باشلىغانلىقى خۇشاللىنارلىق ئىش

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىدە قايتىدىن قوزغالغان بۇ تالاش - تارتىش ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر ئوبزور ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىلىرى بۇيىچە ئامېرىكىدىكى كېنىيان ئادۋوكات مۇلازىمەت ئورنىنىڭ مەشھۇر ئادۋوكاتى ئەلىن لۇمبارت 'دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ ھازىر ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىلىرىدىكى ئەرزلەرنى سوراپ ھۆكۈم چىقىرىشقا باشلىغانلىقى بىر خۇشاللىنارلىق ۋەقە. ھازىر دۇنيادا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىسى دۇنيانىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتقان بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىدە چىقارغان ھۆكۈمى دۇنيانىڭ تەرتىپىنى ئوڭلاش ۋە دۆلەتلەر ئارا ئادالەتلىكنى تىكلەش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتلىك' دېگەن.

تيەنجىن سودا - تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لى ۋېيگۇاڭنىڭ بايان قىلىشىچىمۇ، خىتاي 1980‏ - يىلىدىلا دۇنيا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىدى، ئوتتۇز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بازار ئىگىلىكىنى تىكلەۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا خىتايدا ئىلگىرىلەش بولمىدى ئەمەس، ئەمما ئىلگىرىلەش بەكلا ئاستا. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىدە، تۈنۈگۈن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ چىقارغان ھۆكۈمى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بۇنداق ھۆكۈم بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينى قانۇن بۇيىچە ئىش قىلىدىغان يولغا باشلايدۇ.