ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى سودا بالانسىدا مەۋجۇت تەڭپۇڭسىزلىقلار، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران يادرو مەسىلىسىگە دائىر تېمىلار بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگدىكى مۇھىم مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرىدۇر. لېكىن خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى مەسىلىسى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىكى جىددىي تالاش -تارتىش قىلىنغان تېما بولمىغان.
بەزى مەتبۇئاتلار بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە -ئىقتىساد دىئالوگىنىڭ 2009 - يىلدىكى ئامېرىكا - خىتاي دىئالوگىغا قارىغاندا، بەزى مەسىلىلەردە نىسبەتەن ئاز تالاش -تارتىش بىلەن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەر يىغىننىڭ ئالدىدا بەزى قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگدىكى نېگىزلىك تالاش - تارتىش قىلىنىدىغان مەسىلە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى. لېكىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، مەسىلىگە نۆۋەتتىكى پۇل -مۇئامىلە ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئېلىش ئاساسىدا بىر قەدەر رىئال پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يىغىندا خىتاي تەرەپ خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈشكە كونكرېت ۋەدە بەرمىگەن. لېكىن خەلق پۇلى ئىسلاھاتىنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئاستا -ئاستا يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا "خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش نىسبىتى مېخانىزمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاساستا - ئاستا داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ خىل ئىلگىرىلەش، مۇستەقىل قارار چىقىرىش، كونترول قىلىش ۋە پەيدىن - پەي ئىلگىرىلەش پرىنسىپى ئاساسىدا بولىد ۇ" دېگەن. كانادادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندى بېيجىڭدىكى دىئالوگ ھەققىدە توختىلىپ، تەرەپلەرنىڭ بۇ قېتىمقى دىئالوگدا بۇ مەسىلىگە سوغۇققان پوزىتسىيە تۇتۇشىدىكى سەۋەبلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.
يىغىندا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىمۇتىي گېيتنېر خىتاينىڭ سودا - مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئۆزگەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، "ئاشكارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش بىز ئىككى دۆلەتنى زور نەپكە ئېرىشتۈرۈۋاتىدۇ. بىز كەڭ ئېچىۋېتىلگەن خىتاينى قارشى ئالىمىز" دېگەن. ئامېرىكا خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي كارخانىلىرىنى ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەپ، ئەركىن بازار قائىدىسىگە زىت ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزى ساھەلەردە چەتئەلنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى توساپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىندا تەرەپلەر بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنى مەسىلىسى بولۇپ، ئامېرىكا خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك شەرتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن مۇساپىلارنى بېسىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي بولسا، ئامېرىكىنىڭ نازۇك تېخنىكا ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتايغا نازۇك تېخنىكا ئېكسپورت قىلىش يولىدىكى توسالغۇنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ قېتىمقى دىئالوگ كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، جەنۇبىي كورىيە پيوڭياڭنىڭ "چېئونەن پاراخوت ۋەقەسى"دىكى "تەلۋىلىكىنى" جازالاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. خىتاي ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەگە ئىنكاس بىلدۈرمەي، تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. بېيجىڭدىكى يىغىندا كلىنتون خانىم كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ۋەقەگە ئىنكاس بىلدۈرۈشىنى، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ، پيوڭياڭغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. كانادادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، پيوڭياڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى كوزورى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شۇڭا ئۇنىڭ شىمالىي كورىيىنى رەنجىتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كلىنتون خانىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1 - نۆۋەتلىك ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيە -ئىقتىساد دىئالوگى 2009 - يىلى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەن ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقە شۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بۇنىڭغا كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىن بولسا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە دۆلەت كابىنتىنىڭ "شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى"ئېچىلىپ، ئەمدى ئاخىرلاشقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
كلىنتون خانىم دۈشەنبە كۈنكى يىغىندا تەرەپلەرنىڭ بارلىق مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇزاكىرە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. خۇ جىنتاۋ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا، خىتاي تەرەپنىڭ جىددىي ئىنكاسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، "بىر - بىرىمىزنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك" دېگەن.
شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۈي خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، "بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتى ۋە زور مەسىلىلەردىكى سەزگۈرلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشنى، بولۇپمۇ تەيۋەن ۋە تىبەتكە چېتىلىدىغان سەزگۈر مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.