ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدىكى مەسىلىلەر

ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارى ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ بۇ يىل 2 ‏ - ئايدىكى بېيجىڭ سەپىرىدە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرى ياڭ جيېچى رايىسنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارىتىدە سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت بولسا 1990 ‏ - يىللاردىن كېيىن خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدا باشلانغان بۇ ساھەدىكى رەسمىي سۆھبەتلەرنىڭ داۋامىدۇر. ئىككى تەرەپ ھازىرغا قەدەر بۇ تېمىدا جەمئىي 12 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ سۆھبەتلەردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى كونكرېت كەمچىلىكلەرنى بولۇپمۇ تۈرمىدىكى بەزى مەشھۇر سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئامېرىكىنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىدىكى مۇھىم چىقىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى دەيۋىد كرامېر يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ كرامېرنىڭ بۇ تۈردىكى سۆھبەتلەرگە 1 ‏ - قېتىم يېتەكچىلىك قىلىشى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت ياردەمچى مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە بۇ يىل 3 ‏ - ئايدا ئولتۇرغان دەيۋىد كرامېر ئۈچۈن بىر سىناقتۇر. خىتاي سۆھبەت ئۆمىكىگە كىمنىڭ يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. لېكىن بېيجىڭدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا دەيۋىد كرامېرنىڭ ئىككى كۈنلۈك سەپىرىدە بىرقانچە مىنىستىرلىقنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەردە تەلەپ ۋە پىكىرلەرنى بەردى

ئامېرىكا " Wall Street Journal"گېزىتىدە 23 ‏ - ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ھازىرغا قەدەر خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى، سودا ۋە ھەربىي ئالاقە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى مەركىزى مەسىلە بولۇپ كەلگەنلىكى، لېكىن تىبەتتىكى يېقىنقى ۋەقە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى تەكرار كۈنتەرتىپكە چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ۋاشىنگتوندىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ روھىدىن خەۋەردار ئەرباپلار، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ كۈنتەرتىپىدە مىللىيلارغا دائىر تېمىلار تىبەت بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى،ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىدىكى ئەرباپلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى كونكرېت تەلەپ ۋە پىكىرلەردە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەردە تەلەپ ۋە پىكىرلەرنى بەرگەن. بۇ تەلەپ - پىكىرلەر ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت مەسىلىسى ۋە سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ رادىئومىزغا بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

سۆھبەتنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈنۈمدارلىقىنى ئازايتىۋېتىدۇ

كوندىلىزا رايىسنىڭ فېۋرالدىكى خىتاي زىيارىتىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ئامېرىكا بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مارت ئېيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى سۆھبەت توغرىسىدىكى باياناتىدا ئىككى تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك كونكرېت مەسىلىلەردە " ئالاقە" قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ۋاشىنگتوندىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەر سۆھبەتنىڭ ۋاقىت قەرەلىنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كىرستىيان ۋە يۇڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئادۋۇكاتى نۇرى تۈركەل Nury Turkel بۇ قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، سۆھبەتنىڭ خىتاي سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە زور تالاپەت تارتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلۈشى سۆھبەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئازايتىۋېتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت تېمىسىدىكى بەزى كونكرېت مەسىلىلەر بىر قىسىم سىياسى مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

ئامېرىكا سۆھبەت ئۇسۇلىنى مەۋجۇت سىستېمىنى ئۆزگەرتىشكە قارىتىشى كېرەك

Wall Street Journal گېزىتى كوندالىزا رايىسنىڭ فېۋرال ئېيىدىكى خىتاي سەپىرىدە خىتاي تۈرمىسىدىكى 3 سىياسىي مەھبۇسنىڭ مەسىلىسى يەنى ئامېرىكا پۇقراسى جۇدﯤ شاۋ Jude Shao، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا Hu Jia ۋە ژۇرنالىست، شائىر شى تاۋ Shi Tao نىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي، 2005 ‏ - يىلى 3 ‏ - ئايدا ئۇيغۇر كىشىلىك پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، سىياسىي مەھبۇسلارنى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىشنى توختاتقان. لېكىن كىرستىيان ۋە يۇڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىدىكى نۇرى تۈركەل Nury Turkel، ئامېرىكا سۆھبەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، سۆھبەت نىشانىنى كونكرېت دېلولارغا قاراتماي، مەۋجۇت سىستېمىنى ئۆزگەرتىشكە قارىتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتمەكتە.

"Wall Street Journal" گېزىتىدىكى ماقالىدە سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىكى ئىپادىسىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ قارىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 14 ‏ - مارت كۈنى يۈز بەرگەن لخاسادىكى ئىسيانغا شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، تىبەتنى تاشقى دۇنياغا تاقىغانلىقىنى يازدى.

يەنە بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇ قېتىمقى سۆھبەت پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىدىكى سەپەر تەييارلىقى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىشماقتا. ۋاشىنگتوندىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ پىكىرنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى يېقىندا ۋاشىنگتوندىكى ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىنى چاقىرىپ، خىتاي بىلەن بولىدىغان سۆھبەت توغرىسىدا پىكىر ئالغاندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى ت. كۇمار تەكىتلىگەن.