' ئامېرىكىنىڭ، خىتايدىن كېلىدىغان ھەر قانداق تەھدىتكە تەييارلىقى بار'

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بۇش دەۋرىدە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرىنى ياشىغان ئىدى. ئالاقىدار تەرەپلەر خىتاي - ئامېرىكا مۇناسۋىتىنىڭ پرېزىدېنت ئوباما دەۋرىدە قانداق تۈس ئالىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشماقتا.

0:00 / 0:00

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گەيتس ۋە تاشقى ئىشلارمىنىستىرى ھېللارىي كلىنتونلارنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر سۆزى بۇ جەھەتتىكى بەزى بوشلۇقنى تولدۇردى. ئانالىزچىلار مۇناسىۋەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، سودا ئىشلىرىدا جىددىيلىشىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يېقىندا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى گېيتنىر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاينى "پۇلنىڭ قىممىتىنى ماناپولىيە قىلىۋاتقان دۆلەت،" دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئوباما دەۋرىدە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى سودا ئىشلىرىدا دۇچ كېلىدىغان ئىختىلاپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئىككى مىنىستىرلىقى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلاردا خىتايغا تۇتىدىغان سىياسىتىگە ئىزاھات بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلاردا خىتايدىن كېلىدىغان ھەر قانداق تەھدىتكە تەييارلىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئامېرىكا ھەربىي كۈچىگە تەھدىت سېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن گېيتس، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ "كەلگۈسى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە خىتايدىن كېلىدىغان ھەر قانداق تەھدىتكە تاقابىل تۇرىدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلاپ قويغان" لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گېيتس، "بىزنىڭ بەزى پىلانلىرىمىز ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ پىلانلار خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىلىرىغا قارشى تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن تېخنىكا جەھەتتىكى يېڭىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلغان. مېنىڭچە، بىز بۇ ساھەدە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق. بىزنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئىقتىدارىمىز كەلگۈسى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە خىتايدىن كېلىدىغان ھەر قانداق تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشقا يېتىدۇ " دەيدۇ. گەيتس بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چاقىرغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدىكى گۇۋاھلىقىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، لېكىن ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتى، ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى، بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، سۈنئىي ھەمراھقا قارشى تۇرۇش قورالى شۇنداقلا ئىنتېرنېت ئۇرۇشى قاتارلىقلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئۆزىدە ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەيتس كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا ئىسپات بەرگەن شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ھوزۇرىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي سىياسىتى جۈملىدىن خىتايغا يۈزگۈزىدىغان سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

بۇ ھىللارىي كلىنتوننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بېرى ئۆتكۈزگەن تۇنجى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئىدى. كلىنتون خانىم، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ئالغا سۈرۈش ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزىدە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىك بىشارىتى بار ئىدى.

كلىنتون خانىم مۇنداق دەيدۇ" : بىز خىتاي بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا مۇھتاج. بۇ جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت بۇش ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادى سۆھبەتكە ئۆزگەرتىۋېتلدى. بۇ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى، لېكىن بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسۋىتىدىكى بىردىن - بىر مەسىلە ئەمەس."

بۇش دەۋرىدە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىتەكچىلىك رولى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاي - ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىنى باشلىغان ئىدى. لېكىن ئامېرىكا يېڭى مالىيە مىنىستىرى گېيتنېر، خىتاي - ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ ئىزچىللىقىغا ۋەدە بېرەيمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون ئوباما دەۋرىدە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرگەن.

كلىنتون خانىم: " شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئىچكى ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز شۇنى كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكىدىلا ئەمەس، خىتايدىمۇ كىشىلەر خىزمەتسىز قېلىۋاتىدۇ. ئىقتىساد ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەڭگۈلۈك مەركىزى مەسىلە. لېكىن بىز بۇنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دېگەن.