ئامېرىكا - تەيۋەن - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە "ۋەتەنپەرۋەر - 3" تىىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى تەەيۋەنلىكلەرنى خاتىرجەم قىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Dr-Erkin-Ekerm-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩﺭ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﻛﺮﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

خىتاينىڭ بەزى مۇتەخەسىسلىرى بولسا، خىتاينىڭ ئەمدى ئامېرىكىغا "ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويىدىغان" ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە "ۋەتەنپەرۋەر - 3" تىىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سېتىپ بېرىش قارارىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇلار خىتاينىڭ تەيۋەنگە تۇتقان بۇ پوزىتسىيىنىڭ تەۋرەنمەس ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

بۇ ھەقتە ب ب س نىڭ خىتاي تىلىدا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بەزى ئىسىتراتېگىيە مۇتەخەسىسسلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ئاخىرى بېرىپ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلغىنىنى ھەرگىز بۇنداقلا ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك كېرەكلىكىنى، تەيۋەنگە قورال ساتقان شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى بازىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تاتقۇزۇش كېرەكلىكىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلىرى خىتاينىڭ ئەمدى ئامېرىكىغا قارىتا نىزام تۈزەيدىغان ۋاقتى كەلدى، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.

تۈركىيىدىكى ئىسىتراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، خىتاي مۇتەخەسسسىلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلانمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنداق قىلغان تەقدىردە زىياننىڭ چوڭىنى يەنىلا خىتاينىڭ تارتىدىغانلىقىنى ئېيىتىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئاسان ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.