ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي قاتارلىق دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى "ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر"دە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۆتكەن 10 يىلدا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈزلۈكسىز ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ 2009‏ - ۋە 2010 ‏- يىلدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئۈزلۈكسىز، سېستىماتىك ۋە ئەسەبىلىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا 2010 - يىلى خىتاينى يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى "ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر"تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يەنە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلغان ئەمەلدارلار ياكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ناچار ئۆلكىلەرگە ئىمبارگو قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ مەسىلىنى خەلقئارا مۇنبەر ۋە ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى شەرقىي ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى سكوت فلىپس رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى مەسئۇلىيىتىگە ئالاقىدار مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ "خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈزلۈكسىز بىر مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىز دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەردە كۆپ خىل ئامىللارغا چېتىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. بۇ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئاز سانلىقلار مەسىلىسى شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتنىڭ خىتايغا دائىر بۆلۆمىدە خىتاينىڭ تۈرلۈك دىنىي گۇرۇھلارنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىپلا قالماي، ھۆكۈمەتنىڭ تىزىملىكى سىرتىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز باستۇرغانلىقىنى، بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئۆتكەن 10 يىلدىن بېرى دۇچ كەلگەن ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. 2008 ‏- ۋە 2009 ‏- يىلدىكى نامايىش ۋە توقۇنۇشلاردىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلەردىكى دىنىي پىداكارلىقنى ئاجىزلىتىشنى كۈچەيتىپ، دىنىي رەھبەرلەرنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرۈش، تۈرمىگە سولاش، دىنىي يىغىلىش ۋە 'قانۇنسىز دىنىي تىكىستلەر'نى چەكلەشنى جىددىيلەشتۈردى" دەپ تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە "بۆلگۈنچىلىك" ۋە "تېررورچىلىق"نى باھانە قىلىپ، تىنچ دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. "خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ئېغىر ۋە قانۇنسىز ھالدا تىنچ دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق تەھدىتى كۆپتۈرۈۋېتىلگەن بىخەتەرلىككە ئالاقىدار ھەرىكەتلەرنى قوزغىدى. يېقىنقى 10 يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاشلا يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى باھانە قىلىپ، ھەتتا تىنچ ئۆكتىچى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلار ۋە ئوخشاشلا پروتېستانتلار ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن زىيانكەشلىك، قولغا ئېلىش، دىنىي ئېتىقادنى ئاجىزلىتىش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلدى" دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى سكوت فىلىپس ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ۋە رايونلار ئىچىدە ئەڭ ناچار ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىز خىتايغا نەزەر سالغىنىمىزدا، غەربتىكى ئۆلكىلەردىن بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەت ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە بۆلگۈنچىلىك تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، ھەتتا تىنچ مەقسەتلىك دىنىي پائالىيەتلەرنى پۈتۈنلەي باستۇردى."

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد ۋە پاش قىلغان دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراپ، "بۆلگۈنچىلىك"، "جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش"، "دۆلەت ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش" دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئابدۇقادىر مەخسۇمغا ئوخشاش كىشىلەرنى نامايىشقا تەشكىللەپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، خوتەنلىك مۇتەللىپ ھاجىمغا ئوخشاش قۇرئان كۇرسىغا ياردەم قىلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئادىل قارىمغا ئوخشاش 2008‏ - يىلى 3 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، ھازىرغا قەدەر ئىز ‏- دېرىكى يوق شەخسلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا دائىرىلەرنىڭ دىنىي مەكتەپلەرنى چەكلەشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، دىنىي كۇرس ئاچقۇچىلار ۋە دىنىي ئوقۇتقۇچىلارنى "قانۇنسىز دىنىي يىغىلىش" ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقانلىقىنى، ھەج پائالىيىتىنى كونترول قىلىش كۈچەيتىلگەنلىكىنى، ياش ‏- ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى چەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا خەلئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى سكوت فىلىپس كىشىلەردىكى دىنىي ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن - مۇددەتلىك سىياسىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ "بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىتى دىنىي ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى دىنىي ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش "دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە بەزى تەكلىپلەرنى بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى، تىبەت مەركىزى لخاسالاردا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى قۇرۇش، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت تىلىدىكى ئاڭلىتىشىنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەت دىنىي گۇرۇھلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش، دىنىي زاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىنى كۆپەيتىشنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.