ئوبامانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى خېللارى كلىنتون ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، ئوباما ھۆكۈمىتى يولغا قويىدىغان تاشقى سىياسەت ۋە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئىزاھات بەردى.
ئانالىزچىلار بۇ دەۋردە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ جەرياندا خىتاي دۇچ كېلىدىغان بېسىمنىڭ يېنىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزى يالغۇز ھەل قىلالمايدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى چاقىرغان دۆلەت مەجلىس بىناسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى خېللارى كلىنتوننىڭ يېڭى پرېزىدېنت باراك ئوباما تەرىپىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىك ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى خېللارى كلىنتوننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يولغا قويىدىغان تاشقى سىياسىتى، ئۇنىڭ نامزاتلىقىنى تەستىقلاشنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، يىغىندا خېللارى كلىنتون ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىستىراتېگىيىسىنى شەرھلىدى. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي كۈچكە تايىنىپلا مەسىلە ھەل قىلىدىغان ھۆكۈمەت بولماي دىپلوماتىيىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئەقىلگە تايىنىپ ئىش قىلىدىغان "ئاقىلانە ھۆكۈمەت" بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن خېللارى كلىنتون، " ئامېرىكا دۇنيادىكى نۇرغۇن جىددى مەسىلىلەرنى يالغۇز ئۆزى ھەل قىلىپ كېتەلمەيدۇ شۇنداقلا دۇنيا بۇ مەسىلىلەرنى ئامېرىكاسىزمۇ ھەل قىلالمايدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى خىتاينىڭ ئۆزىگە باغلىق
ئۇ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي سىياسىتىنى شەرھىلىگەندە كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كلىنتون خانىم، " بىز خىتاي بىلەن ئىجابىي ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئارىدىكى ئىختىلاپلارنى سەمىمىي سۆزلىشىشتۇر. لېكىن ئامېرىكىنىڭ تىرىشچانلىقى بىر تەرەپلىمىلىك ئەمەس. بىزنىڭ قانداق قىلىشىمىز خىتاينىڭ كەلگۈسىدە مەملىكەت ئىچى ۋە تاشقى ئىشلاردا قانداق قىلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك"، دەپ كۆرسەتتى.
خېللارى كلىنتون يەنە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىكى مەيدانى، ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش، ئافغانىستاندا قوشۇن كۆپەيتىش، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، قىرغۇچى قوراللارنى چەكلەش، شىمالىي كورىيە، ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئېرىشىشىنى توسۇش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا كېلىدىغان ئەڭ زور تەھدىت قىرغۇچى قوراللارنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەتىرى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. بەزى ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قورال - ياراق ئېكسپورتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدىغان بەزى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كلىنتون : ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە
كلىنتون خانىم " خىتاي بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى قۇرۇش ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئامېرىكا چوقۇم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە دۆلەتلەر،" دەيدۇ.
لېكىن ئانالىزچىلار خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېلەچەك يىللاردىكى ئىختىلاپنىڭ مەدەنىيەت قىممەت قارشى ساھەسىدە ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ قاراشتىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ياشايدىغان خىتاي تەتقىقاتچىسى ليۇ شاۋبو ئەپەندىدۇر.
خىتاي ئوباما دەۋرىدە ئىدىلوگىيە جەھەتتىكى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن
ليۇ شاۋجو، " مېنىڭ قارىشىمچە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرتىپكە سېلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتى يەر شارى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە تاشقى سىياسىتى تەرتىپكە سېلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا جۇڭگو ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا. بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ناھايىتى چوڭقۇر ھەمكارلىقى بار. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەرب دۇنياسىدىكى ئورنىنى تەرتىپكە سېلىشقا دۇچ كەلدى. بۇ ئەھۋالدا بىر تەرەپتىن ھەمكارلىق بوشلۇقى بار بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن توقۇنۇش يۈز بېرىش خەۋپى مەۋجۇت. بۇ تۈردىكى توقۇنۇش ئاساسلىقى ئىدېئولوگىيە ئاڭ ساھەسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەنپەئەتنى ئاساس قىلسىمۇ، لېكىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسى ئۇنىڭ قىممەت قارشى يەنى مەدەنىيەت ئاساسىغا تايىنىدۇ. شۇڭا غەرب بىلەن بولغان ھەمكارلىق يەنە ئىدېئولوگىيە ئاڭ ساھەسىدىكى بېسىمنى كۈچەيتىدۇ،" دېدى.
كىشىلىك ھوقۇقى، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشى خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئۇزۇن يىللار ھەل بولماي كېلىۋاتقان نېگىزلىك ئىختىلاپلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي شىمالى كورىيەنىڭ ئىدىلوگىيىلىك سەپدىشى؟
خىتاي نوپۇسى كۆپ، زېمىنى كەڭ ئىقتىسادى يوشۇرۇن كۈچى زور چوڭ دۆلەت. ئانالىزچىلار، ئەگەر خىتاي ئىچكى ۋەزىيىتى مۇقىمسىز، خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بىر دۆلەت بولسا بۇ دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا زور تەھدىت، دەپ قارىماقتا.
ليۇ شاۋجو ئەپەندى جۇڭگونىڭ قانداق يولغا مېڭىشى، غەرب قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى يولىغا قارشى بىر يولدا ماڭامدۇ ؟ ياكى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يولنى تۇتامدۇ؟ دېگەن مەسىلە ناھايىتى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى، ئەپسۇسكى كومپارتىيىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تۇتقان يولى شىمالىي كورىيە يېقىن تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ،" جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان يولىدىن قارىغاندا غەرب بىلەن بۇ جەھەتتىكى چەك چېگرىنى ئايرىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلدى. جۇڭگو ئىدېئولوگىيە ئاڭ ساھەسىدە شىمالىي كورىيەگە ئوخشاش دىكتاتور تۈزۈمگە يېقىن تۇرماقتا. ئەگەر بۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە نۇرغۇن ئىشلاردا توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ يولدىن ۋاز كېچەي دېسە مەملىكەت ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئوباما سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتى مىسلىسىز تەرتىپكە سېلىنماقتا. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىكتىكى بىردەكلىكى كۈچىيىۋاتىدۇ. تاشقى سىياسەتتىكى بىردەكلىك جۇڭگوغا قانداق سىياسەت تۇتۇش مەسىلىسىدىكى بۇرۇنقى بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يېڭى بىر دەۋرگە كىرىشى مۇمكىن،" دەيدۇ.