ئامېرىكا بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇققا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن رازى بولمىدى

ئولىمپىككە قارشى نارازلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىپ سولاپ قويۇلغان چەتئەللىكلەر، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغان 10 كۈن جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاتتى.

0:00 / 0:00

بۇ ئارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى خىتاينىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇققا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا سۆز قىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىككە كەڭ پۇرسەت بېرىشنى جاكارلايدىغان بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئەقىدە سىلەرگە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئاق ساراي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ئاخبارات كاتىپى فۇلاتو دۈشەنبە كۈنى، خىتاي دۇنياغا سۆز قىلىش ئەركىنلىكى بىلەن دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن كەڭ پۇرسەت بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى دەپ بىلدۈردى. يۇقىردا تەكىتلىنىپ ئۆتۈلگىنىدەك خىتاي بۇ ئارىدا تىبەت ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلىدىغان 10 نەپەر چەتئەللىك پائالىيەتچىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 8 نەپىرى ئامېرىكىلىق، 1 نەپىرى ئەنگلىيىلىك يەنە بىرى گېرمان دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە تىبەت ئىدى.

" ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" نىڭ، ئولىمپىك جەريانىدىكى نارازلىق پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل خادىمى Han Shan نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلىتىگە قايتۇرۋېتىلگەنلەر ئارىسىدا 3 كىشى، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئىكەن. خان شاننىڭ يەنە بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 پائالىيەتچىنى بىر قانچە سائەت سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا جۇڭگولۇقلارنىڭ ياردەم قىلىپ قىلمىغانلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش قىلغان، ۋە بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قولغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان. بىراق بۇ كىشىلەرنىڭ مەقسىدى كىشىلىك ھوقۇقى ئاياق ‏ - ئاستى قىلىنىۋاتقان تىبەتلەرگە ياردەم بېرىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاغزىدىن ھىچقانداق گەپ قاچۇرمىغان. شۇڭا تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا ئۇلار، يېمەكسىز ۋە سۇسىز قالدۇرۇلغاندىن سىرت، ئۇيقۇسىز قالدۇرۇلغان.

نيويورىكتىكى مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچى Tom Grant خىتاي دائىرىلىرى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان 8 ئامېرىكىلىقنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 19 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ساقچىلىرى، ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى بىرەيلەننىڭ ئارقىغا چۈشۈپ، قالغان پائالىيەتچىلەرنى بىردەك قورشاپ ئالغان ھەمدە ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ سولاپ قويغان. ئۇلار ئايرىم ‏ - ئايرىم خانىلارغا قامالغان ۋە سوراق قىلىش ۋاقتى ئوخشاش بولمىغان. ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ 10 كۈن قامىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بۇ قارار سوتچى ۋە ياكى قانۇنلارغا ئاساسەن چىقىرىلمىغان بولۇپ، ئەكسىچە ساقچىنىڭ بىۋاستە قارار بېرىشى بىلەن بېكىتىلگەن.

8 ئامېرىكىلىق 4 ‏كۈنگە قەدەر، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشالمىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا ئەلچىسى لېيدﯤ مەزكۈر ۋەقەگە بىۋاستە قول تىقىپ ئارىلاشقان شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

Tom Grant نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 24 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى ئۇلارنى قويۇۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، شۇ كۈنى كېچىسىلا ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇۋەتكەن. خىتاي ساقچىلىرى Tom Grant نىڭ سىن ئالغۇ ئاپاراتى، كومپيۇتېرلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان.

" ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىمالىي ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 53 نەپەر پائالىيەتچى، ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى مەزگىلىدە تىبەتنى ھىمايە قىلىدىغان نارازلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىق سەۋەبىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۋىتىلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، چەتئەل پائالىيەتچىلىرىنى قولغا ئالغان قىلمىشىنى ئاقلاپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تىبەت مۈستەقىللىقىنى قوللايدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ جوڭگۇ قانۇنىغا تامامەن خىلاپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ۋە باياناتتا " : بىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۆز پۇقرالىرىغا، جوڭگۇنىڭ قانۇنىنى ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە ياخشى تەربىيە يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداق قىلغاندا بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن سىرت خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ساھىپخانلىقىغا ئېرىشكەندە كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز قىلىش ئەركىنلىكى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلار، ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە ئەمەس بېيجىڭنىڭ ئۆزىدە پۇقرالارنىڭ، سۆز قىلىش ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىكى قاتارلىق بارلىق كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ قىلچىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقىنى بايان قىلدى. خەۋەرلەردە يەنە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە يولغا قويغان نامايىش قىلىش ھوقۇقى بويىچە نامايىش قىلىش ئىلتىماسى سۇنغان ياشانغان ئىككى پۇقرانىڭ بىر يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا تارتىلىشى، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇل - غۇلا قوزغىغان ئىدى.