1972-يىلى 7-فېۋرال ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسوننىڭ خىتايغا قاراتقان رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىك ئالاقە مۇناسىۋىتى باشلانغان. مانا بۇ مۇناسىۋەتنىڭ باشلىنىشى خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ يېقىندا ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاساسىنى سالغان دېيىشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا مەتبۇئاتىدا شى جىڭپىڭ بىلەن ئوبامانىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاقساراي ئۇچرىشىشىنىڭ مەقسىتى، ھاسىل قىلغۇسى ئورتاقلىقلىرى ۋە بۇنىڭ دۇنيا ھەم رايون سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە كەڭ دائىرىدە مۇلاھىزە قىلىنماقتا.
خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىڭپىڭ كېلەر ھەپتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولماقچى. شى جىڭپىڭ ئامېرىكىدا ۋاشىنگتون ۋە كالىفورنىيە ۋە ئوخايو شتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ.
ئاقساراينىڭ ئۆتكەن ئاي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شى جىڭپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى داۋامىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەمدە پالاتا ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئىككى تەرەپ، رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە دىئالوگ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
شى جىڭپىڭنىڭ مەزكۇر زىيارىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا تەڭپۇڭسىزلىقى، تىبەت مەسىلىسى، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى، يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى توسۇشتىكى مەيدان ئىختىلاپى مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، خەلقئارالىشىش مەسىلىسى، سۈرىيە، ئىران مەسىلىلىرى دېگەنگە ئوخشاش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە قارشىلاشقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى.
17-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن نىكسوننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە شى جىڭپىڭ مەخسۇس خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ «ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوقۇم ئورنىتىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇھىم ئۇچرىشىشلىرىدا ئىككىلا تەرەپ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە كۆپ توختىلىپ كەلمەكتە. سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن مەتبۇئاتقا قىلغان سۆزىدە بۇ نۇقتىنى قايتا تەكىتلىدى، ليۇ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: «بىز مۇئاۋىن رەئىس شى جىڭپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىشكە، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنىڭ ساغلام ۋە تۇراقلىق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سۈي تيەنكەي سەيشەنبە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ بوشلۇقى بارلىقىنى ئىقرار قىلغان بولۇپ ئۇ : كۆزەتچىلەر پەقەت ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ بوشلۇقىغىلا دىققەت قىلماقتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارغانچە راۋاجلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتنى كۆرمەيۋاتىدۇ» دېگەن.
مۇشۇ نۇقتىلار ئاساسىدا خەلقئارادىكى كۆپلىگەن ئاخباراتلار، «شى جىڭپىڭنىڭ ئوباما بىلەن ئۇچرىشىشى ئاساسەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.
ھازىر ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمى كاندىداتلىرىنىڭ بەس مۇنازىرىلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر باسقۇچ، ھەر قايسى نامزاتلار خىتاينىڭ سودا تەدبىرلىرىنى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىش تاكتىكىلىرىنى ھە دەپ بەس-بەستە تەنقىدلەۋاتقان بىر پەيت. خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى جەھەتتىكى ئېشىشى ئامېرىكىدا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن ھەربىي ئىشلىرىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا قارىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى خىتاي تەرەپ مۇلاھىزىچىلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى قوللانغان تاكتىكىسى دەپ قارالماقتا.
شى جىڭپىڭ گەرچە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ناتونۇش كىشى بولسىمۇ، ئەمما ئاخباراتلاردا ئاساسەن ئۇنى يېڭى بىر نۆۋەت بولغۇسى خىتاي رەھبىرى دەپ تونۇشتۇرماقتا. ن پ ر ئاگېنتلىقى شى جىڭپىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا يول ئاچماقچى دەپ مۇلاھىزە قىلدى.
ب ب س قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخباراتلار شى جىڭپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمە ئىختىلاپلارنى يۇمشىتىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت دەپ باھا بەرمەكتە.
ئەمما، شى جىڭپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى داۋامىدا، ئوبامانىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە تىبەت ھەم ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئازلىقى مەتبۇئاتلاردىكى مۇلاھىزە ئورتاقلىقى بولماقتا. بۇنىڭ سەۋەبلىرى، شى جىڭپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقىدەك مەسىلىلەرگە قارىتا ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇلاھىزىچىلىرىدىن لوگەي فوندىنىڭ رەئىسى خەرىي ۋۇ ئەپەندى ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەرىي ۋۇ شى جىڭپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن كۈتىدىغىنى بولسا، شىمالىي كورىيە، ئىران، ئىراق، ئافغانىستان ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىدە، خەلقئارا مەسىلىلەردە بىر ئورتاقلىق، ھەمكارلىق يارىتىش، ئەمما ئىچكى مەسىلىلەردە ئوباما ھېچقاچان خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىدى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى شى جىڭپىڭ زىيارىتىمۇ بۇنى تىلغا ئېلىش ئېھتىماللىقى ئاز، ئامېرىكا بۇنى قوبۇل قىلالمىسىمۇ، ئۇ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىدە بىر نەتىجە ھاسىل قىلىشىنى كۈتمەيدۇ.»
ئۆتكەن ئايدا شى جىڭپىڭ كېسېنگېر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئۇزۇن مەزگىللىك دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك دېدى، بىرى كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلىدىغان، يەنە بىرى دېموكراتىك بىر دۆلەت، بۇ ئىككى قارمۇ-قارشى سىياسىي يۆنۈلۈشتىكى ھۆكۈمەتلەر قانداقمۇ دوست بولالىسۇن.
شى جىڭپىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردە ئۆزىنى قوللاشقا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن كەلگۈسىدە يەنە قانداق تەرەپلەردە ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغانلىقىنى دەڭسەپ كۆرمەكچى. شى جىڭپىڭ، كېيىنكى رەھبەرلىك يولىدا ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەشتە بۇ سەپەر ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى، مۇھىم پۇرسەت بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى مەسىلىلەردە ئامېرىكىغا ماسلىشىپ قارار ئېلىشى مۇمكىن، چۈنكى مەيلى ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سىياسەت جەھەتتە بولسۇن، خىتايدىكى مۇقىمسىز ھالەتنى شى جىڭپىڭ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى ئوخشاشلا تىنچ ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا خىتاينى مەلۇم مەسىلىلەردە قارار ئېلىشقا قىستىسا خىتاينىڭ ئۆزگىرىشىدە بەلگىلىك رول ئوينىيالىشى مۇمكىن.
خەرىي ۋۇ يەنە، شى جىڭپىڭ گەرچە خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن بېشارەتلەر بەرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن پەرقلىق يول تۇتمايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئىچىگە قاراپ باقساق، خىتاي ئاجايىپ ئۆتكۈر ئىچكى زىددىيەتلەرگە تولغان، پارىخورلۇق، خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىقلار ئېغىرلاشتى. مۇستەملىكىسىدىكى تىبەت ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان قارشىلىقىمۇ جىددىيلەشتى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، شى جىڭپىڭ بىر قەدەر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بۇ مەسىلىلەردە يەنىلا ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتنىڭ يولىنى تۇتۇشى مۇمكىن. ئۇ پەقەت بۇ مۇقىمسىز ۋەزىيەتتىن مۇقىم ھالدا ئۆتۈپ كېتىشنى قوغلىشىدۇ. ئۆتكەن ئاينىڭ 14-كۈنى ۋىن جياباۋ نېپالنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، ئىقتىسادى ياردەم بېرىشكە پۈتۈشتى، ئارقىدىنلا نېپال ئىككى يۈز تىبەتنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا جاۋاب قايتۇردى. دېمەك بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە، قاتتىق كونتروللۇق سىياسەت تۇتۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
