ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتاي تەھدىتىگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە باشلىدى

ياپونىيە - ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى نىشانى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە قارىتىلغان ئىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى، بولۇپمۇ دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.10.25
xillariy-Klinton-Asiya-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻫﯧﻠﻼﺭﯨﻲ ﻛﻠﯩﻨﺘﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
AFP Photo

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا - ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بارغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلىرىدا خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنغان.

ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلىك دىپلوماتلارنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، توكيو بىلەن ۋاشىنگتون خىتاينىڭ رايوندا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي جەھەتتىكى تەھدىت سېلىش كۈچىگە قارشى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى، بولۇپمۇ دېڭىزدىكى تەھدىتكە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان.

ياپونىيە "يوميۇرو " گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى دىپلوماتىك مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ تۈرلۈك سۆھبەتلەرنىڭ يېقىندىن بېرى ئىككى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىسىدا باشلانغانلىقىنى، ئامېرىكا - ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 23‏ - سېنتەبىر كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىدە بۇ مەسلە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە، ئامېرىكا - ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ 23‏ - سېنتەبىردىكى ئۇچرىشىشىدا بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىپلا قالماي، ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېنىچىرو ساسې بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جىم ستېينبېرگنىڭ 12‏ - ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە چېتىلغانلىقى، ئىككى تەرەپلەرنىڭ خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان دېڭىزدىكى ھەربىي تەھدىتنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ۋە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېخارا بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم چارشەنبە كۈنى ھاۋايدا ئۇچرىشىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى زاتلار، ئامېرىكا - ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىك دىئالوگلىرىدا خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچى ۋە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كلىنتون ۋە مىخارانىڭ ھاۋايدىكى سۆھبىتىنىڭ تېمىسى مەركەزلىك ھالدا يەنە شۇ خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن دىپلوماتىك مەنبەلەر، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەزمۇنىدىكى بۇ دىئالوگلار خىتايدا پاراكەندىچىلىك قوزغاپ، خىتاي بىلەن بولغان باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىشىدىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى، بۇ دىئالوگلارنىڭ، بولۇپمۇ يەر شارى ھاۋا كىلىماتى، پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ۋە شىمالى كورىيە يادرو قوراللار پىلانى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، تەمكىنلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

لېكىن، ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، گەرچە ئامېرىكا يۇقىرىقى مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ دېڭىزدىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۈزلۈكسىز ئۇرۇنۇپ، ئۇنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكى ئەتراپى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا پەيدا قىلغان يېقىنقى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنى بىئارام قىلغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، ياپونىيە بىلەن بولغان سوغۇق مۇناسىۋەت دەۋرىدىكى بۇرۇنقى مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتايدا دېڭىزغا قاراپ كېڭىيىش كېرەكمۇ ياكى قۇرۇقلۇققا قاراپ كېڭىيىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە، ئاز كەم يېقىنقى 150 يىلدىن بېرى ئىزچىل تالاش - تارتىش تېمىسى بولۇپ كەلگەن تارىخىي بىر مەسىلىسىدۇر. بۇ مەسىلە 19‏ - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مانجۇ ئوردىسى شەرقىي تۈركىستانغا ئەسكەر چىقىرىپ، قەشقەرىيىنى ئىستىلا قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا ئوردىدىكى ھەربىي ۋە مۈلكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا تالاش - تارتىش قوزغىغان ئىدى. بۇ مەسىلە مانجۇ ئوردىسىدىكى دېڭىزغا كېڭىيىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى، شىمالىي دېڭىز ۋەزىرى لى خوڭجاڭ بىلەن، قەشقەرىيىنى ئىستىلا قىلىپ، قۇرۇقلۇققا كېڭىيىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى زۇ زۇڭتاڭ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تالاش - تارتىش قىلىنغان.

مانجۇ ئوردىسىدىكى بۇ مۇنازىرە قۇرۇقلۇققا كېڭىيىش تەرەپدارلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىدىكى تالاش - تارتىش ھازىرغا قەدەر تۈگىمىگەن ئىدى. خىتاي بۇ يىل 5‏ - ئايدا "دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 2010 ‏ - يىللىق تەرەققىيات دوكلاتى" ئېلان قىلىپ، دېڭىز ئارمىيىسىدە "قۇدرەتلىك دۆلەت"كە ئايلىنىشنىڭ مىللىي ئىستراتېگىيىلىك پىلان ئىكەنلىكىنى ۋە دېڭىز تەۋەسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقنى مۇستەھكەملەشنى تەكىتلىگەن. ئىلشات ئەپەندى خىتاينىڭ دېڭىزغا قاراپ كېڭىيىش پىلانى ياپونىيىگە تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ دېڭىزدىكى ھەربىي پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشى يالغۇز ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنى بىئارام قىلىپلا قالماي، بۇ يەنە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى تاقىم ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان رايوندىكى قوشنا ئەللەردە ئەندىشە قوزغىغان ئىدى. رايوندىكى ۋېيتنام، فىلىپپىن قاتارلىق بۇ دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ئوخشاشلا سېپراتىل تاقىم ئاراللىرىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىگە قارشى چىققان. مەزكۇر ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى تالاش - تارتىشلار بەزىدە بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغان نازۇك مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان.

خىتاينىڭ بۇ يىل يازدا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ئاراللارنى "جۇڭگونىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتى" دەپ ئېلان قىلىپ، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىن رايونلاردا پائالىيەتنى كۈچەيتىشى رايوندىكى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن. بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا خىتاينىڭ باياناتىغا ئىنكاس بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېيتىس ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون ئارقا - ئارقىدىن خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا - ياپونىيە دوستلۇقىنى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.