خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يېڭى مودىسى: 'ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىنى ئېلىش'

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىش نىسبىتى ئەزەلدىن يۇقىرى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يېقىندا خىتايدا پۇل تاپقان بايلاردا ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىنى ئېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، پۇللىرىنى ئامېرىكا بانكىلىرىغا قويۇش ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچى سالاھىيىتىدە يېشىل كارت ئالىدىغان خىتاي بايلىرىنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيمەكتە ئىكەن.

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتايچە خەۋەرلەر سەھىپىسدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا پۇل تاپقان بايلار بەس - بەستە

ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىغا ئېلتىماس قىلىۋاتقانOpens in new window ]

بولۇپ، 2009 - يىلى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئالدىنقى بىر يىلغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتىپ، بىر يىلدىلا ئامېرىكا يېشىل كارتىغا ئېلتىماس قىلغان خىتاي بايلىرى 1000 نەپەردىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ دولقۇن خىتاي بايلىرىدىن سىرت يەنە، پۇللۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىسىدىمۇ قوزغالغان بولۇپ، نۇرغۇن ئەمەلدارلار بىر ياقتىن بالىلىرى ۋە ئايالىنى ئامېرىكىغا يولغا سېلىۋېتىپ، بىر ياقتىن ئۆزلىرى يەنە خىتايدا ئەمىلىنى ئۇتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن.

بۇ كىشىلەر ئېلىۋاتقان يېشىل كارت تۈرى ئامېرىكىغا مەبلەغ سالغۇچى سالاھىيىتىدىكىلەرگە بېرىلىدىغان يېشىل كارت بولۇپ، بانكىدا ئەڭ ئاز دېگەندە 10 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئامانىتى بولغان كىشىلەرنىڭلا بۇ خىل كارتقا ئىلتىماس قىلىشقا شەرتى توشىدىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشچە يەنە، ھازىر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ كېتىش نىسبىتىمۇ بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە. ئامېرىكىنىڭ "2008 - يىللىق كۆچمەنلەر سىتاتىستىكا دوكلاتى"غا قارىغاندا، بىر يىلنىڭ ئۆزىدىلا 40 مىڭ خىتاي ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا 2008 - يىلى خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا پۈتۈن خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن بىر مىليون 80 مىڭ كىشى چەتئەللەرگە كۆچمەن بولغان.

ئۇلار بارغان دۆلەتلىرىدە ھەشەمەتلىك ئۆيلەرنى ۋە قىممەت ئاپتوموبىللارنى بىر تىيىنمۇ قەرز ئالماي نەق پۇلغا سېتىۋالىدىكەن. كەيپ - ساپا سۈرۈدىكەن.

بىز يۇقىرىقى مەلۇماتلار ھەققىدە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.