ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر خانىم - قىزلار ئانىلار كۈنىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى، 9 ‏- ماي كۈنى خەلقئارا ئانىلار كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتى فائىرفاكىس شەھىرىدە يىغىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.05.10
Amerikida-Uyghurlar-anilar-bayrimini-xatirilidi-Rabiye-xanim-sozde-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 9 ‏- ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Eqide

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى مۇھىم ئورنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى رولى ھەققىدە توختالغاندىن سىرت، نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ، ئاياللار تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە سۆزىنى ئانىلار كۈنىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلىدى.

رابىيە قادىر خانىم ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقان ئانىلاردىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاياللارغا ئۈلگە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنىڭدەك ' ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى" نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلى بىلەن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان ئاتا ‏- ئانىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ يېقىندا ياۋروپادا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر خانىم - قىزلارغا قىسقىچە تونۇشتۇردى.
 
رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن، كومپيۇتېر ساھەسى بويىچە دوكتور ئاينۇر خانىم، ئاياللارنىڭ شەرىئەتتە تۇتقان ئورنى ھەمدە ئانىلارنى ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا دىنىي ساۋات بەردى.

ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە ئۇيغۇر ئانىلارغا ۋە پەرزەنتلىرىگە دىنىي ساۋات بېرىۋاتقان ئاينۇر خانىم سۆزىدە يەنە، بىر مىللەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتىدىن باشقا يەنە، دىنىي ئەقىدىلەرگە ئەمەل قىلىشنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۈبەيرە خانىم "ئانىلار كۈنى" مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

زۈبەيرە خانىم سۆزىنى"ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ پۈتۈن ئوي - پىكىرى ۋەتەندە، ئۆز خەلقىدە، مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىدە، ئاخىرقى نىشانى بولسا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشتە بولۇشى كېرەك،" دەپ ئاياقلاشتۇردى.

"ئۇيغۇر تىل مەكتىپى" نىڭ مۇدىرى پاتىگۈل خانىممۇ، ئانىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە بالىلىرىنى ئوقۇتۇۋاتقان ئانىلارنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى.

مۇراسىمدا ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى مۇئەللىملىرىگە بايراملىق گۈل تەقدىم قىلدى. خانىم - قىزلار بىر تەرەپتىن "ئانىلار كۈنى" ئۈچۈن تەييارلىغان نازۇ - نېمەتلەر بىلەن تاماقلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، ئىقتىساد مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مەزكۇر مۇراسىمغا 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى ئىشتىراك قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.