ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ئەزالىرى شۇنىڭدەك بىر قىسىم شىتات باشلىقلىرى بىلەن شىتات پارلامېنت ئەزالىرى قايتىدىن سايلاپ چىقىلىدىغان بولۇپ، سايلامدا پرېزىدېنت ئوباما باشچىلىقىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىگە بېرىلىدىغان ئاۋازنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
تەھلىلچىلەر، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ "ئامېرىكا خەلقى يېڭى بىر ئۆزگىرىش ياساشقا مۇھتاج " دېگەن مەيدانىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 10% كە يېقىنلىشىپ قېلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ سايلامدا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بىراق، پرېزىدېنت ئوباما سايلىغۇچىلارنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسى نامزاتلىرىغا بېلەت تاشلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە ھەرقايسى شىتاتلاردا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا، " ئەگەر دۆلەت دەردىمگە يەتسۇن دېسىڭىز، بىزگە ئاۋاز بېرىڭ، 2008 - يىلى يېڭى بىر ئۆزگىرىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بىزگە ئاۋاز بەرگەن بولسىڭىز، بۇ قېتىم يەنە بىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئىپادىلەڭ" دېگەن.
ئوباما نۇتۇقلىرىدا، ئىككى يىلدا بارلىق ئارزۇ - ئۈمىدلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ بولمايدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ سەبىر - تاقەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، خەلقنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى، كېڭەش پالاتاسىدىكى ئۆز قولىدا بار بولغان ئىمكانىيەتلىرىنىڭ كۆپىدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى تۇردى ئەپەندى، ئىككى يىل ئىلگىرى زور قوللاشقا سازاۋەر بولۇپ سايلانغان پرېزىدېنت ئوباما ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىشى ھەققىدە توختالدى.
بۇ ئارىدا سابىق پارلامېنت ۋەكىلى جۇمھۇرىيەتچى Dic Armi، نۆۋەتتە مەۋجۇت بولغان ۋە ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تامامەن قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ": جۇمھۇرىيەتچىلەر، خەلقىنىڭ نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتەلىدى، ئىلگىرىكى خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىپ، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىدۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى چوقۇم " دەيدۇ.
2006 - يىلى جورج بۇش يولغا قويغان خاتا سىياسەت تۈپەيلى، ھوقۇقنىڭ دېموكراتلار قولىغا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى Larri Sabato، بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبنى، جورج بۇشنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق سىياسىتىدىن، بولۇپمۇ ئىراق ئۇرۇشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دەپ كۆرسىتىدۇ.
دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىشسىزلىق، كىشىلەرنىڭ ھوقۇق ئىجرا قىلىۋاتقان ئەمەلدارلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، Sabato، يەنە مۇنداق دەيدۇ" :بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ساھەدە باراك ئوباما قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارلامېنتتا كۆپ ئورۇننى ئىگىلىسە، كۆپچىلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولغان تەكلىپلەر ۋە جىددىي قارار قىلىشقا توغرا كەلگەن قانۇن ۋە شەرتنامىلەر رەت قىلىنىشى تۇرغان گەپ."
بۇلاردىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى بېسىملارنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپىنىڭ، ئوبامانىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە Kreml غا يول قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ قۇدرىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سىياسەتچى Tomas Mann، پارلامېنتتا ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى كۈتۈۋاتقان يېڭى ئەربابلارنىڭ ھۆكۈمەتنى كۆزدە تۇتماي، مالىيە خامچوتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە ئۆتكەن ئىككى يىلدا قوبۇل قىلىنغان قارار ۋە يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن - لاھىيىلەرنى بىكار قىلىشقا ئىرادە باغلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
