ئامېرىكىدىكى قۇربان ھېيت نامىزىدا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن دۇئا قىلىندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.11.27
2009.11.27
ۋىرگىنىيە شتاتى فېئىرفاكس شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوسمان قارى ھاجىم، بۈگۈنكى ھېيت نامىزىدا جامائەتنىڭ، ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىلغان دۇئاسىدا، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا ئاسايىشلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىللە، شەرقىي تۈركىستاندا ھېلىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتىدە، زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىنغانلىقىنى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە قۇربان بولغان ھەم ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۇچۇن دۇئا قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوسمان قارى ھاجىم، ۋە قەدىرىيە خانىملار پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت بايرىمىنى مۇسىبەت ئىچىدە كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ يىل يازدا يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە باستۇرۇشىدا ئۆلۈپ كەتكەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ماتەم ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھېيتتا ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسىبەت ئىچىدە قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقىنى بايان قىلىشتى.
ئوسمان قارى ھاجىم، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۆزىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا بولغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىمىزنى ئۆتۈنۈندى.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن دوستلار، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر بايرام كۈنىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نىسبەتەن خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ياقلىغۇچى دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيا خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتماقتا.
تۈنۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەققىدە رەسمىي قارار ئالغان بولۇپ، قاراردا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە چەك قويۇشنى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىي ئاكتىپلىرىغا بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىشقا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللانغانلىقىنى جاكارلىدى.
چەيئەللەردە ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ، بۇ قارار ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن قىممەتلىك بىر سوۋغات دەپ قاراشماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.