ئىككى نامزاتنىڭ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى، ئىران، رۇسىيە ۋە شۇنداقلا خىتايغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئالاھىدە تەكىتلەندى.
6-نويابىر كۈنىدىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئىككى ھەپتە قالغاندا ئىككى نامزات ئاخىرقى نۆۋەتلىك بەس-مۇنازىرىدە ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردە يۈرگۈزىدىغان سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشتى. ئۇچرىشىشتا پرېزىدېنت باراك ئوباما تاشقى سىياسەتتىكى 4 يىللىق تەجرىبىسى بويىچە ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئەمما مىت رومنېينىڭ تاشقى سىياسەتتە ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىغانلىقتىن ئۇ بەس-مۇنازىرىدە كۆپرەك باراك ئوبامانىڭ ئۆتكەن 4 يىلدا يۈرگۈزگەن دىپلوماتىيىسىنى تەنقىد قىلىشقا مەركەزلەشتى.
بەس-مۇنازىرىنىڭ باشلىنىش قىسمى «ئوتتۇرا شەرقتىكى يېڭى رىقابەتلەر ۋە تېررورنىڭ يېڭى يۈزى» بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچى نامزات مىت رومنېي ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنىڭ ئەل-قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا يارىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈپ، تەھدىتنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ تېررورچىلىقنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلقنى رادىكاللىققا ئۆزلۈكىدىن قارشى تۇرىدىغان قىلىشتىن ئىبارەتلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى،قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپرەك مەركەزلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئوباما سۆز نۆۋىتىدە بۇنىڭغا دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ: «رومنېي ئەپەندى، مەن سىزنىڭ ئاخىرى ئەل-قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ زور خەتەرلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم. چۈنكى سىز تېخى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك تەھدىت رۇسىيە دېگەن ئىدىڭىز. سوغۇق ئۇرۇش ئاياغلاشقىلى 20 يىلدىن ئاشتى. سىز تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا ئىراققا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىشى كېرەك دېدىڭىز. سىزنىڭ تاشقى سىياسەتتە قىلغان گەپلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى خاتا» دېدى ۋە مىت رومنېينىڭ تاشقى سىياسەتتە تەجرىبىسىزلىكىنى قايتا ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كۈچلۈك بىر لېدىرلىق رولىنى ئوينىمىغان تەقدىردە بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇرىيەتچى نامزات مىت رومنېي بۇنىڭغا جاۋابەن «سىز ماڭا بۇنداق ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايسىز» دېدى. باشقۇرغۇچى ئىككى نامزاتنىڭ سۈرىيە كرىزىسىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا، مىت رومنېي سۈرىيىدە ھازىرغىچە 30 مىڭ كىشى ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا چوقۇم لېدىرلىق رولىنى ئوينىشى ۋە شۇنداقلا ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرگە قورال ياردىمى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئوباما بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكىنىڭ لىدىرلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ياردەم تەشكىللەشكە باشلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «بىز، ئۆزىمىز ياردەم قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىزنىڭ دوستلىرىمىزغا ئايلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.
بۇ قېتىملىق بەس-مۇنازىرىدە مۇنازىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئىگىلىدى. ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىران. مىت رومنېي ۋە باراك ئوبامانىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنى خەتەرلىك، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما باراك ئوباما بۇ مەسىلىدە مىت رومنېينىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئالدىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئامال بار ئۇرۇشتىن يىراق تۇرۇشقا ۋە ئۇرۇشنى ئەڭ ئاخىرقى تاللاش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مىت رومنېي بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۆزىنىڭمۇ ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئىراننى خەلقئارادا يالغۇز قويىدىغان سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مىت رومنېينىڭ سۆزى داۋامىدا داۋاملىق ھالدا ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ئارمىيىگە ئېھتىياجى بارلىقى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ زورايتىلىشى كېرەكلىكىنى بىر قانچە قېتىم تەكىتلىشى بىلەن باشقۇرغۇچى ئۇنىڭدىن «ھازىر ئامېرىكا ئىقتىسادى كرىزىس ئىچىدە تۇرسا. سىز ئارمىيىگە كېتىدىغان پۇلنى نەدىن تاپماقچى» دەپ سورىدى. رومنېي ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن ئوبامانىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كېرەكسىز چىقىملارنى كېسىش ئارقىلىق مالىيىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ، مىت رومنېينىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئېھتىياجى يوق تۇرۇپ ۋە بۇنداق بىر نەرسە تەلەپ قىلمىسىمۇ، مەجبۇرىي ھالدا ئارمىيىنى چوڭايتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مالىيىسىنىڭ پىلانلىق ئىستراتېگىيە بويىچە مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مىت رومنېي ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كېچىكلەپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە تىك ئۇچارلىرىنىڭ سانىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى مىسال كەلتۈرۈشى بىلەن ئوباما بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقارلىق قىلىپ «رومنېي ئەپەندى سىز دېگەن يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاتلىرى ۋە خەنجەرلىرىمۇ ئازىيىپ كەتتى. ھازىر ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۈستىگە ئايروپىلان قونىدىغان ۋە ئىسمى ئاۋىئاماتكا دەپ ئاتىلىدىغان قوراللىرى ۋە سۇ ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى دەيدىغان قوراللىرى بار. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئېھتىياجىغا يېتەرلىك مالىيىسى بار» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
ئىككى تەرەپنىڭ 3-قېتىملىق بەس-مۇنازىرىسىدىمۇ كۈتۈلگىنىدەك خىتاي مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مىت رومنېي ئالدىنقى قېتىملاردىكىگە ئوخشاشلا ئۆزى پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە، خىتاينى پۇل بىرلىكىنى كونترول قىلىۋالىدىغان دۆلەت دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭ بىلەن باشقۇرغۇچى سىز بۇنداق قىلسىڭىز، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تىجارەت ئۇرۇشى يۈز بەرمەمدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرى بىلەن تىجارەت قىلىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى، شۇڭا ئۇرۇش چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئوباما بۇنىڭغا قارشى خىتاينىڭ ھەم رىقابەتچى، ھەم شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا قوراللارغا ئەمەل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزى داۋامىدا مىت رومنېينىڭ شىركەتلىرىنى ئەرزان دەپ ئامېرىكىدىن خىتايغا يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
مىت رومنېي بۇ قېتىملىق بەس-مۇنازىرىدە ئوبامانى كۆپرەك ئامېرىكا ئىقتىسادىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، ئەيىبلەشكە تىرىشتى. ئەمما بەس-مۇنازىرىدىن كېيىنكى ئوي نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، كىشىلەر بۇ قېتىملىق بەس-مۇنازىرىدە ئوبامانى غالىپ دەپ كۆرسەتكەن. ئوبامانى يەڭدى، دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 48 پىرسەنت. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتا ئوبامانىڭ غالىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىككىسىنىڭ تاشقى سىياسەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ھەر ئىككى نامزاتنىڭ ئوتتۇرا شەرق، بولۇپمۇ ئىران مەسىلىسىدىكى پىكرىنىڭ ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئىككىسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشى ئۈستىدە توختىلىپ، مېت رومنېي خىتايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئانچە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىم سېيتوف ئەپەندى يەنە، باراك ئوبامانىڭ ھازىر تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈچلىنىش سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى زورىيىشىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشتا ياخشى رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.