خىتاي ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئاددىلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئېلان چىقىرىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئاددىلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يىلدىن باشلاپ، پۇقرالار تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان ئاممىۋى سودا-سانائەت تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى، ئىئانە تەشكىلاتلىرى ھەم ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى تىزىملىتىشتا، كومپارتىيىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدىكى «باشقۇرۇش ئورگانلىرى» نىڭ رۇخسىتىنى ئالمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، بۇندىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرىدە خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلماقچى بولغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەسمىيەت ئۆتىگەندە پەقەت خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ رەسمىيەت ئۆتىسىلا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ياخشىلاش، خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان ھەر خىل ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

خىتايدا پۇقرالار تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەسمىيەت بېجىرىشى ئۇزۇندىن بۇيان نىسبەتەن قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ، خىتايدا خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلماقچى بولغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرىنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى «باشقۇرۇش ئورگانلىرى» نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئالدىنقى شەرت قىلىنغىنى ئۈچۈن، خىتايدا خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى تولىمۇ ئاز ئىدى. كۆپ خىل مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، قۇرۇلۇپ بولغان تەشكىلاتلارمۇ كومپارتىيە ھۆكۈمىتى دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ھەر خىل تەكشۈرۈشلىرى ھەم ئىش بېجىرگۈچى خادىملارنىڭ خىزمەت ئىستىلىدىكى پارىخورلۇق، چىرىكلىك، بيۇكراتلىقى سەۋەبىدىن، نورمال ئىش بېجىرىشى ھەر ۋاقىت چەكلىمىگە ئۇچراپ تۇراتتى.

«بېيجىڭ ئەي جىشىن ئەيدىز كېسەللىرى ياردەم تەشكىلاتى» خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، پۇقرالار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر زور ئاممىۋى تەشكىلات ئىدى. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەقىب قىلىنىشقا ئۇچراپ، 2011-يىلى 3-ئايدا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن ئىدى.

«ئەي جىشىن ئەيدىز كېسەللىرى ياردەم تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى ۋەن يەنخەي ئەپەندى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى. ۋەن يەنخەي ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشى ھەم نازارىتىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلتۇردىن بۇيان ئامېرىكىغا كېلىپ، بۇ يەردە ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىدى.

ۋەن يەنخەي ئەپەندى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش قارارى» ئىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەن يەنخەي ئەپەندى مۇنداق دېدى:«بۇ قارارنى بىر ئاكتىپ قارار دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، قاراردا يېزىلغان مەزمۇنلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىش كېرەك. چۈنكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ خىل قارارنى چىقارغىنى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى-قانۇن تۈزۈلمىسى ئۆزگەرگىنى يوق. بۇ يەردە «ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرىنى تىزىملىتىشتا، باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.» دېيىلگىنى بىلەن، خەلق ئىشلار ئىدارىسىمۇ ئەمەلىيەتتە كومپارتىيىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى ئورگان. ھازىر خەلق ئىشلار ئىدارىسى بىۋاسىتە تەستىقلايدۇ دېيىلگەن بولسا، ئىلگىرىكى مۇرەككەپ رەسمىيەتلەر ھەر ھالدا ئاددىلىشىپتۇ. مېنىڭچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چىقارغان بۇ قارار يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى بىر ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولىدۇ.»

ۋەن يەنخەي ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋەن يەنخەي ئەپەندى ئۆز بايانىدا، خىتايدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ھەم باشقۇرۇش ئىشىنىڭ يەنىلا مۇرەككەپ ھەم تولىمۇ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتايدىكى خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ، دېيىلسە ئالدى بىلەن كومپارتىيىنىڭ ھازىرقى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى، كوممۇنىست پارتىيە ھەممىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغان يەككە پارتىيىلىك دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە ئىسلاھات كىرگۈزۈشى، خىتاي پۇقرالىرىغا كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنى كۆپرەك بېرىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.