كۆك تاشلىق كىتابتا، شىنجاڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن مۇھاجىرلار بىلەن كەڭ ئالاقە ئورنىتىپ، مۇھاجىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنىڭ تۇغۇلغان ۋەتىنىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق چەتئەللەردە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتىنى توغرا تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن.
كۆك تاشلىق كىتابتا يەنە، مۇھاجىرلار خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىش خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەم دۆلەتنىڭ نېگىزلىك مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دېيىلگەن.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن ھەرخىل يوللار ئارقىلىق، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئاممىۋى ئاساستىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ جەھەتتە ئاڭلىق بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋاللارغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.
بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.