5 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى 5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل بوغۇزى كۆۋرۈكىدە كۆك بايراق لەپىلدەتتى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. بۇلاردىن بىرى ئىستانبۇل بوغاز كۆۋرۈكى ئۈستىدە كۆك بايراق لەپىلدىتىش پائالىيىتى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتنى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى ئايال تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتقان.

ئىستانبۇلدىكى بوغاز كۆۋرۈكى قارا دېڭىز بىلەن مەرمەر دېڭىزىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغان قولتۇققا سېلىنغان بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا تەرىپى بىلەن ياۋروپا تەرىپىنى باغلىغان مۇھىم كۆۋرۈكلەردىن بىرى. تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار دەردىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ياخشى ئاڭلىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا بۇ كۆۋرۈك ئۈستىدە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىدۇ.

7-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى مەسئۇللىرىدىن سوناي تەھمەز خانىم، «تۈركمەن سەھرا» تەشكىلاتى مەسئۇلى مەھتاپ خانىم، قىرىم تاتارلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئۆزلەم خانىم ئۇيغۇر شائىرە نۇرەلا گۆكتۈرك خانىملار باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قوللىرىدا چوڭ كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا كۆۋرۈكنىڭ ياۋروپا تەرىپىدىن ئاسىيا تەرىپىگە قاراپ يۈرگەن. بۇ نەق مەيداندا تېلېۋىزور ۋە گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ بار ئىكەن. ھەممە بىردەك «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىندىشلىرىمىزغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئەيىبلەيمىز»، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماڭلار» دەپ شۇئارمۇ توۋلاشقان.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان «ئالدىتۇنا» جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ئۆزلەم چولاق خانىم تەشكىلاتىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى 5-ئىيۇل كۈنى دۇنياغا كەلگەن ئوغلىغا ئۇيغۇر دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
«بىز بوغاز كۆۋرۈكىنىڭ ئۈستىدە چوڭ بىر كۆك بايراقنى لەپىلدەتتۇق. بىز ئالدىتۇنا جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇق. بىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. ھەتتا بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ مەسئۇلى 5-ئىيۇل كۈنى دۇنياغا كەلگەن ئوغلىغا ئۇيغۇر دەپ ئىسىم قويدى. بىز ھەر دائىم مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋاتىمىز. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتايلار ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى بەك بوزەك ئەتتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ، بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى بىر-بىرىگە باغلىغان چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى لەپىلدىتىپ خىتاينى ئەيىبلەپ شوئار توۋلىدۇق، بۇ ھەقتە تۈرك مەتبۇئاتلىرى ئورۇن بەردى.»