خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالى ئېغىر
2005.05.25
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2004 - يىللىق يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى 300 بەتلىك دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق كەڭ - كۆلەمدە ۋە ئېغىر دەپسەندە قىلىنماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش يوق
كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى، دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاشىنگتوندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ۋىللىيام شۇلىز مۇنداق دەيدۇ: "خىتايدا گەرچە سودا ساھەسىگە ھۆرمەت قىلىش، ئاساسى قاتلاملاردا دېموكراتىك سايلام يولغا قۇيۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان بولساقمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى."
خىتاي، ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان ئاز ساندىكى جايلارنىڭ بىرى.
كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2004 - يىلى دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان 3790 مەھبۇسنىڭ 3400 نەپىرى خىتايدىكەن. ۋىللىيام شۇلىز مۇنداق دەيدۇ: " يىلدا 3400 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنىڭ بىر مىسالىدۇر. بۇ سان دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئومۇمى سانىدىن كۆپ،" دەپ كۆرسەتتى.
كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسىدىكى مايكىل ئورەلىي، " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان ئاز ساندىكى جايلارنىڭ بىرى،" دەيدۇ. دوكلاتىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىگە تاشلاش، مەھبۇسلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايدا مەھبۇسلارنىڭ خارلاش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى سۇيىئىستېمال قىلىش
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ھازىر خىتايدا. ئۇنىڭ زىيارىتى شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ پۈتۈن زىيارىتى شىنجاڭ توغرىسىدا. چۈنكى ئۇلار ئەنجاندىكى ۋەقەلەرنىڭ شىنجاڭغا كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
دوكلاتتا، تىبەت ۋە تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا دىنىي ئىبادەت ھوقۇقىنىڭ ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " خىتاي ھۆكۈمىتى يەر شارى تېرورىزىمغا قارشى كۈرەشنى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلماقتا" دەپ ئەيىبلىگەن. كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى خادىمى ت. كۇمارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كەرىموۋنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىداركەن. ت. كۇمار: "ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ھازىر خىتايدا. ئۇنىڭ زىيارىتى شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ پۈتۈن زىيارىتى شىنجاڭ توغرىسىدا. چۈنكى ئۇلار ئەنجاندىكى ۋەقەلەرنىڭ شىنجاڭغا كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن كېرىموۋنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىش شۇنداقلا ئۇنى قوللىشىدىكى سەۋەبتۇر."
ت. كۇمار: خىتاينىڭ مەقسىدى رابىيە قادىر شىركىتىنى ۋەيران قىلىش
ت. كۇمارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەت، ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ يامانلاشقان. ت. كۇمار "ھازىر ئۇلار رابىيە قادىر ئائىلىسى ۋە تىجارىتىنىڭ پېشىگە چۈشتى. بۇ بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار رابىيە قادىرنىڭ شېرىك ۋە خىزمەتچىلىرىنى، بانكا خادىملىرىنى قولغا ئالدى، مەقسىدى ئۇنىڭ تىجارىتىنى ۋەيران قىلىش،" دەپ كۆرسەتتى.
كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي دائىرىلىرىنى " ئۆكتىچىلەر ۋە دېموكراتىك ئىسلاھاتچىلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئېنىقلىمىسى مۈجىمەل جىنايەتلەر بىلەن جازالىماقتا،" دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا، كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇندا تۇتۇشى كېرەك
ۋىللىيام شۇلىز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە داۋاملىق سۆزلىشىشكە چاقىردى. ۋىللىيام شۇلىز مۇنداق دەيدۇ: " كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇندا تۇتۇشىغا ئىھتىياجى بار، دەپ قارايدۇ."
ۋىللىيام شۇلىز، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەت، شىمالى كورىيە يادرو كرىزىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى. كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى پۇقرالارنىڭ يەر مۈلك ھوقۇقى، ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ ھوقۇقى، دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى قاتارلىق كەڭ تېمىلارغا چېتىلىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نيۇ - يوركتىكى يىغىنىدا سۆز قىلدى
- ئامېرىكا، دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان 11 دۆلەتنى ئېلان قىلدى
- د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا دوكلات بەردى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم كۈچلۈك
- خىتاي دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت