ئانا سۈتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە

خىتايدا بوۋاقلار سۈت پاراشوكى مەسىلىسى پاش بولغان ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ، خىتايدا ئىشلەنگەن سۈپەتسىز زەھەرلىك سۈت پاراشوكلىرىدىن زەھەرلەنگەن بالىلارنىڭ سانى كۈندىن ‏ - كۈنگە كۆپەيمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتايدا داڭلىق ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكلىرىدىمۇ مەسىلە كۆرۈلۈپ،بوۋاقلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىپ ئاتا ‏ - ئانىلارنى تۈگىمەس غەم ئەندىشە ھەم ئازابلارغا دۇچار قىلىۋاتقان بىر پەيتتە،كىشىلەر ئانا سۈتىنىڭ بوۋاقلار ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى يەنىمۇ تونۇپ يەتمەكتە، ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئانىلارمۇ نۆۋەتتە بالىلىرىنى ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان.

نۆۋەتتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىز دىققىتىگە بولۇپمۇ يېڭى ئانا بولغان ھەم بولغۇسى ئانىلار سەمىگە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەييارلىشىدا بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقىنىڭ ئانا سۈتى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پروگراممىنى سۇنماقچىمىز.

بوۋاقلار يەنىلا ئانا سۈتى ئەمگىنى ياخشى

خىتايدا سەنلۇ بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ۋەقەسى پاش بولغاندىن كېيىنلا،ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ نۇرغۇن بالىلارنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە نازارىتىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە سۈت پاراشوكى سەۋەبلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنىڭ مەلۇم بولغان سانى 1253كە چىققان بولۇپ، بۇ سان كۈندىن ‏ - كۈنگە كۆپەيمەكتە. بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىككى ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار. ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغىچە بۆرەكتە تاش پەيدا بولغان بوۋاقلاردىن سەككىز ئايلىق بىر بوۋاقنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى مۇلاھىزىلەردىمۇ ئانا سۈتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق خەۋەرلەر ئۇيغۇر ئاتا ‏ - ئانىلارنىمۇ زور ئەندىشە ھەم ئازابلارغا دۇچار قىلغان. بۇ مەسىلە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بالىلار ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر ھەم ئەڭ مۇۋاپىق ئوزۇقلۇقنىڭ يەنىلا ئانا سۈتى ئىكەنلىكى، ئانىلارنىڭ بوۋاقلىرىنى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىمىتىشىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ھەمدە بۇ ھەقتە ئىزدىنىشىگە يول ئاچقان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئانىلار ھەمدە بولغۇسى ئانىلار بالىلىرىنى ئۆزلىرى ئىمىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتمەكتە ئىكەن.

ئانا سۈتىنىڭ بالىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئېھتىياجلىق شۇنداقلا مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق ئىكەنلىكى قايتا ‏ - قايتا ئىسپاتلىنىۋاتقان، رەت قىلىشقا بولمايدىغان ئىلىم شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆزلىرى ئىمىتىشى تەشەببۇس قىلىنماقتا.

ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئانىلىرىدىمۇ، بولۇپمۇ شەھەرلەردىكى خىزمەت قىلىۋاتقان ئانىلار ئارىسىدىمۇ، " سۈتۈم ياخشى ئەمەس، خىزمىتىم ئالدىراش، پىگورام ئۆزگىرىپ كېتىدۇ" دېگەندەك كۆپ خىل سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ بوۋاقلىرىنى ئەمدۈرمەي، سۈت پاراشوكى بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغان.

جۇڭگودىكى يېمەكلىكلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ

بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ئىككىنچى پەرزەنتىنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر ياش ھامىلدار ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككىنچى بالىسىنى سۈت پاراشوكىدا بېقىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، سەنلۇ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ نىيىتىدىن يېنىپ، ئامالنىڭ بېرىچە پەرزەنتىنى ئۆزى ئىمىتىشكە تىرىشىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھەر قانداق ئوزۇقلۇق ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ

نۆۋەتتە بازاردا ئانا سۈتىدە بار بولغان ئوزۇقلۇق تەركىپلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئېمىنىتلار قوشۇلغان، سۈپەتلىك ئىشلەنگەن بوۋاقلار سۈت پاراشوكلىرىنىڭ خىللىرى ئىنتايىن كۆپ، گەرچە بۇ خىل سۈت پاراشوكلىرى ئانا سۈتىنى ئۆلچەم قىلىپ، كالا سۈتى ياكى پۇرچاق سۈتى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەت شۇكى، ھەر قانچە ئېسىل سۈپەتلىك بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىكى ئوزۇقلۇق مىقدارى، بولۇپمۇ ئىمۇنىت كۈچىنى تولۇقلايدىغان ئىلمىنىتلار يەنىلا ئانا سۈتىگە يەتمەيدۇ. دېمەك ئىنسانلار تېخى %100 ئانا سۈتىگە ئوخشايدىغان سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرالىغىنى يوق.

ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئىمىتىشى ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق

ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئىككى پەرزەنتنىڭ ئانىسى بولغۇچى بىر ئۇيغۇر سېستىرا خانىم خىزمەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلارنىڭ سۈت پاراشوكى ئەمگەن بالىلارغا قارىغاندا ساغلام بولىدىغانلىقىنى.

ئانا سۈتىنىڭ ئىككى ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق ھەم كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ۋە كۆپ خىل ئىقتىدارلىق مۆجىزىلىك دورىنىڭ رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئانىلىرىغا پەرزەنتلىرىنى قانچە ئۇزۇن بولسا، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئىمىتىشكە تىرىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

ئانا سۈتى بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ئاسان، ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىدە ئەڭ ئېھتىياجلىق ھەم مۇۋاپىق بولغان، ھېچقانداق نەرسە ئورنىنى باسالمايدىغان ئوزۇقلۇق بولۇپلا قالماي، بالا ئىمىتىش يەنە ئانىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم رولغا ئىگە. شۇڭا شەرت ‏ - شارائىت يار بەرسە ئانىلارنىڭ بوۋاقلىرىنى ئىككى يىلغا قەدەر ئىمىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىسپاتلىنىشىچە، بولۇپمۇ بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ئايغىچە ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بالىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش يەنى ئىمۇنىت كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى، ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. شۇڭا ئانا سۈتى بالىلارنىڭ ئەڭ بىخەتەر ھەم مۇۋاپىق ئوزۇقلۇقى بولۇپلا قالماي، ھاياتلىقىنىڭ بۇلىقى ھەم كېسەللەردىن ساقلىنىش قالقىنىدۇر.