بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى» نىڭ يىغىن زالىدا «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئابلەت تۇران ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇش ۋە قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە باش رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ يىغىننى تەبرىكلەپ يوللىغان تەبرىكنامىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

كېيىن، خەلق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ «ئانا تىلىم» دېگەن ناخشىسى قويۇلدى.
يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ قەدىمى تىل ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ دۇنيادىكى تىللارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنياغا مەشھۇر قىممەتلىك ئەسەرلەردىن «تۈركى تىللار دىۋانى»، «قوتادغۇبىلىك»، «خەمسە»، «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقى بۇ تىلنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
يىغىندا يەنە پېشقەدەم تىلشۇناس قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە سۆز قىلدى. قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى سۆزىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن «ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا» ۋە «ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ» دېگەن ئىككى شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن باشلىدى.
قۇددۇس ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىر يوق بولۇپ كېتىش تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» نىڭ سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىندا يەنە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «ئانا تىلىم-ئۇيغۇر تىلى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلىندى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.