ۋاقىت، 2007-يىلى 11-ئاي؛ ئورۇن، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ دەرسخانىسى. دەرسخانىدا 80 نەپەر ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچى بار. ئوقۇتقۇچى تۇرسۇنجان ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، دەرسنى خىتايچە سۆزلەيدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئانا تىلىدا تۈگەتكەن بۇ ئوقۇغۇچىلار دەرسنى چۈشەنمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2 سائەتلىك ۋاقتىنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىغا ئېچىنغان ئوقۇتقۇچى تۇرسۇنجان، ئاخىرقى 20 مىنۇتنى ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئايرىيدۇ. ئۇ دەرسنى ئانا تىلىدا سۆزلەپ 10 مىنۇت ئۆتمەستىن، مەكتەپ مەسئۇللىرى سىنىپقا بېسىپ كىرىدۇ، تۇرسۇنجاننى دەرستىن توختىتىدۇ ۋە سىنىپتىن ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ، خىتاي قانۇنىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزىدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە.
ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەممىدىن بەك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرىكىنى ئەزمەكتە. چۈنكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ تۈر مائارىپنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىنى، ئالدىنقى سەپتە تۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ھەممىدىن كۆپ كۆرمەكتە ۋە ھېس قىلماقتا. ئانا تىلىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ تەھدىتكە دۇچ كېلىشى، ئىشىدىن-ھايات يولىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى قاتارلىقلاردىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى چۈشەنمەسلىكى، ھەزىم قىلالماسلىقى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئازابلاۋاتقان يەنە بىر ئاقىۋەت. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ زىيىنىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن شەخسىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بېقىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، يۇقىرىقىغا ئوخشاش تۈرلۈك توسقۇنلۇق ۋە جازالارغا دۇچ كەلمەكتە. مانا بۇ توسۇق، مانا بۇ جازالارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا يەنە قانداق ۋەقەلەرنى تۇغدۇرىدىغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۇنيادىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئاخباراتچىلار ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى.
