دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كېيىن تەبرىكلەنگەن روزا ھېيت

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار روزا ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمگەن مىنۇتلاردا، ئۇيغۇر ئېلى مۇسۇلمانلىرى روزا ھېيتنى ئۆز ۋاقتىدا تەبرىكلەشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.01
Heyt-Namazdin-keyin-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلار روزا ھېيتنى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بەلگىلەپ بەرگەن كالېندار بويىچە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى دىنىي ئالىملار، مەيلى قايسى خىلدىكى كالېندار بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ روزا ھېيتنىڭ ئىككى كۈن كېچىكتۈرۈلۈشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىر سۈرمەكتە.

بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە روزا ھېيت دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە قارىغاندا كېيىن تەبرىكلەنگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا، ھەتتا جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ۋە ۋاقىت رايونى جەھەتتىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئەڭ يېقىن بولغان قازاقىستاندىمۇ روزا ھېيت تەبرىكلىنىپ بىر كۈن ئۆتكەندە ئۇيغۇر ئېلى مۇسۇلمانلىرى روزا ھېيتنى قۇتلۇقلاشنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا يىغىۋېلىنغان.

روزا ھېيتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى كۈن كېيىن، يەنى پەيشەنبە كۈنى تەبرىكلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تېلېفون ئۇرغان بولساقمۇ، ئورگانلارنىڭ ھەممىسى خىتاي دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قويۇۋېتىلگەن بولغاچقا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى.

خىزمەتچى خادىم:" روزا ھېيتىنى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بەلگىلەپ بەرگەن كالېندار بويىچە تەبرىكلەيمىز"

نەتىجىدە ئۇيغۇر ئېلى قەشقەر دىيارىدىكى ھېيتگاھ جامەسى، ۋە ئۈرۈمچى كونسۇل كوچا ئېغىزىغا جايلاشقان نوغاي مەسچىتىگە تېلېفون ئۇردۇق.
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىكى بىر خىزمەتچى خادىم روزا ھېيتىنى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بەلگىلەپ بەرگەن كالېندار بويىچە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى كونسۇل كوچىسىغا جايلاشقان نوغاي مەسچىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر مەسچىتكە تېلېفون ئۇرغىنىمىزدا نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قارىي ئۇيغۇر ئېلىدە روزا ھېيتنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا كېيىنرەك تەبرىكلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى " ئاينىڭ كۆرۈنۈش بويىچە بولىدۇ" دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆز چۈشەندۈرۈشىگە زىت ھالدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە روزا ھېيتنى خىتاي ئىسلام جەمئىيەت بەلگىلەپ بەرگەن كالېندار بويىچە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قارىماققا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ روزا ھېيتنىڭ نېمە ئۈچۈن كەينىگە سۈرۈلۈشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە بەرگەن ئىزاھاتلىرى خېلى ئىلمىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قارشى باشقىچە.

دوكتۇر ئاتاۋۇللا شاھيارى: "روزا ھېيت ۋاقتىنى بېكىتىشتە ئاي كۆرۈشنى ئاساس قىلىش، تالاش - تارتىشتىكى مەسىلە"

بۇ ھەقتە توختالغان دوكتۇر ئاتاۋۇللا شاھيارى ئەپەندى، روزا ھېيت ۋاقتىنى بېكىتىشتە ئاي كۆرۈشنى ئاساس قىلىش، تالاش - تارتىشتىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا روزا ھېيت كۈنىنى بېكىتىشتە مۇسۇلمان دۇنياسىدا ھازىر ھىجرىيە يەنى ئىسلام كالېندارى ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى، رامىزان تۇتۇش ۋە روزا ھېيت كۈنىنى بەلگىلەش ئىشلىرىنىڭ خالىغانچە ئەمەس بەلكى مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئىلمى ئاساستا بەلگىلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاتاۋۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، روزا ھېيت كۈنىنىڭ مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا ھېسابلىنىپ بېكىتىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، روزا ھېيت كۈننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن شۇنچە پەرقلىق بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىكەن.

باشقا جايلاردا 29 كۈن تۇتۇلغان رامىزان ئۇيغۇر ئېلىدە 30 كۈن تۇتۇلغان

مەلۇم بولۇشىچە بۇ يىل مۇسۇلمان دۇنياسىدا رامىزان ئاساسەن دۈشەنبە كۈنلۈكتە باشلىنىپ 29 كۈن تۇتۇلغان ھەمدە كالېندار بويىچە روزا ھېيت ئۆز ۋاقتىدا قۇتلۇقلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دىنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە رامىزان سەيشەنبە كۈنلۈكتە باشلىنىپ، پەيشەنبە كۈنلۈكتە ئاياقلاشقان بولۇپ، جەمئىي 30 كۈن تۇتۇلغان ۋە رامىزان تۇتۇلۇپ 31 - كۈنى يەنى ئىككىنچى ئۆكتەبىر روزا ھېيت كۈنى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

دوكتۇر ئاتاۋۇللا شاھيارى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە رامزاننىڭ بەزى يىللىرى 29 كۈن تۇتۇلۇشى تەبىئىي ئەھۋال بولۇپ، بۇ ھەقتە ھەدىسىمۇ شۇنداق قەيت قىلىنغان ھەمدە بۇ يىل نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئەللىرىدە رامىزان بۇ يىل 29 كۈن تۇتۇلغان.

خىتاي دىنىي ئېيتقان ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچكە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقلارنى ئېغىر دەپسەندە قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھەر يىلى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئوخشاش شەكىلدە، خىتايدا پۇقرالارنىڭ كەڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىنى ئاساسسىز دەپ ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان دوكتۇر ئاتاۋۇللا شاھيارى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىللىق روزا ھېيتنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى بىلەن بىر كۈندە كەپ قىلىشى سەۋەبىدىن بىر كۈن كەينىگە سۈرۈلۈشىنىڭ ئۆزىلا خىتايدا دىنىي ئېيتقان ئەركىنلىكىنى نەزەرگە ئېلىنمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.

ئاتاۋۇللا شاھيارى ئەپەندى ھەدىس تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ھەدىس تەتقىقاتلىرى جۇرنىلى نەشر قىلىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھەدىس تەتقىقاتلىرى جۇرنىلى تۈرۈك تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان مۇشۇ ساھەدىكى خەلقئارالىق ژۇرنال بولۇپ بۇ بىل 6 - يىلىغا قەدەم قويدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.