مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ساقچىلار ئارقىلىق نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن بولۇپ، نامايىش جەريانىدا بىر قىسىم دېھقانلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەم شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى سەۋەبلىك، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى بارغانچە كۆپىيىپ خىتايدىكى ئاساسى مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، 2-3-ئاپرېل كۈنلىرى خىتاينىڭ خېبىي ئۆلكىسى زۈنخۇا شەھىرى جيەنمىن بازىرىدىكى كان شىركەتلىرى تەرىپىدىن يېرى ئىگىلىۋېلىنغان 600 دەك دېھقان نارازىلىق نامايىشى قىلغان. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ ئەنخۇي، يۈننەن ئۆلكىلىرىدىمۇ كان ئېچىلىش باھانىسىدە يېرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن.
خېبېينىڭ زۈنخۇا شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشتىكى نامايىش قاتناشچىلىرىدىن جيەنمىن بازىرى دائەنلې كەنتىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك دېھقان رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارنىڭ نامايىش ئەھۋالىنى بايان قىلدى.
ۋاڭ فامىلىلىك دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش قىلغان دېھقانلار قوللىرىغا «كان ئېچىش ئۈچۈن تارتىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەرلىرىمىزنى قايتۇرۇۋالايلى!»، «كان ئېچىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىشىغا قارشى تۇرىمىز!»، «زومىگەر كان خوجايىنلىرىدىن يېرىمىزنى قايتۇرۇۋالايلى!» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان. نامايىش قىلغان دېھقانلارنىڭ باشلامچىلىرى، كوللېكتىپ ھالدا بېيجىڭ شەھىرىگىچە پىيادە مېڭىپ، يول بويى نارازىلىق نامايىش قىلىش ھەم زۈنخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈستىدىن بېيجىڭدىكى ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئەرز قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا ماڭغان دېھقانلار ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان بولۇپ، نامايىش باشلامچىلىرى دەپ قارالغان 13 دېھقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. زۈنخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ساقچىلار ئارقىلىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە 3-4-ئاپرېل كۈنلىرى نامايىش باستۇرۇلۇپ، شەھەردە تىنچلىق ئەسلىگە كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى چۈېخۇ شەھرى لۇجياڭ كەنتىدىمۇ بىر قىسىم دېھقانلار بىلەن كەنتتىكى تاغنى كان ئېچىش ئۈچۈن ئىگىلىۋالغان كان خوجايىنلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
توقۇنۇشتا كان خوجايىنلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ۋاڭ خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ۋاڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزىدىكى دېھقانلار كەنتتىكى تاغ كان ئېچىش ئۈچۈن مەلۇم كان شىركىتىگە كۆتۈرە بېرىلگەندىن كېيىن دېھقانلار كۆپ قېتىم نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما شەھەرلىك ھۆكۈمەت كان خوجايىنلىرىغا يانتاياق بولۇپ دېھقانلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلمىغان. نەتىجىدە 27-مارت كۈنى ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن كان شىركىتى بىلەن كەنتتىكى تاغدا كان ئېچىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن دېھقانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا 6 نەپەر دېھقان سالاھىيىتى مەلۇم بولمىغان 10 نەچچە كىشى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە 2 يىلدىن بۇيان «ئايلانما تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى ئۈچۈن» دېگەن باھانىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كان شىركەتلىرى يەرلىك دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەم يايلاقلارنى ئىگىلىۋېلىشنى تېزلەتمەكتە.
ئىلى يېزىلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غۇلجا ناھىيىسىدىكى پىلىچىخاڭنى مەركەز قىلغان بىرنەچچە تاغلىق يېزىلاردىكى چارۋىچىلار ھەم دېھقانلارنىڭ يايلاقلىرى ھەم بىنەم دەپ ئاتالغان تېرىلغۇ يەرلىرى بېيجىڭ چىڭخۇا كان شىركىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي سېتىۋېلىنغان. يەرلىك دېھقان،چارۋىچىلار بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئەرز قىلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ ئەرزى يەنىلا ئىلى ئوبلاستى ھەم غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە قايتا تەكشۈرۈشكە چۈشۈرۈپ بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئەرز قىلغان دېھقان -چارۋىچىلار يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولغان.
خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان دېھقانلارنىڭ يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش مەسىلىسى ھەم كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە، خىتايدا كان بايلىقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەرگە دۆلەت ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ» دېگەن سىياسىتى سەۋەبلىك «دۆلەتكە تەۋە» دەپ بېكىتىلگىنى ئۈچۈن، شەخسلەر ئۆز زېمىنىدىن چىققان بۇ بايلىقلارغا ئىگە بولالمايلا قالماستىن، بەلكى بۇ يەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان دېھقانلارنىڭ كان شىركەتلىرىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر، يايلاق، ھەم ئورمانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە بۇ ئەھۋالنىڭ پۈتكۈل خىتايدىكى ئومۇمىي ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى بايلىقنىڭ زور بىر قىسمى جايلاشقان ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر زېمىنىدىكى نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلاردىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل ناملاردىكى شىركەتلەرنىڭ دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋېلىش ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلاشقان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقى شارائىتتا يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقان-چارۋىچىلار مەسىلىسى بۇندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن.