ئەنقەرەدە «قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

«تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى» ئېلان قىلىنىپ 2012 - يىلى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قىزىقىش كۈچيىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ يىغىن، مۇراسىم ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئۇيۇشمىسى، ئۇزۇن زاماندىن بۇيان تۈرك دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر خىل پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيۇشما بولۇپ، بۇ قېتىمقى پروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئورۇن بەردى.

2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا "قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان" دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېت ۋە چانكايا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.

يىغىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جانەر ئاسباش ئەپەندى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. جانەر ئاسباش ئەپەندى سۆزىدە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە، چۈنكى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيىدىن كۆپ ئىشلارنى ئۈمىد كۈتىدۇ. تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان چۈشەنچىسى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈمىد قىلغان دەرىجىدە يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرغان بۇ خىل يىغىنلار ئارقىلىق ھەم مىللىي ئاڭنى ئويغىتىش ھەم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. شۇ مەقسەتتە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق.

جانەر ئاسباش ئەپەندى سۆزىدە يەنە تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: تۈركىيىدە 2012 - يىلى خىتاي مەدەنىيەت يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشى، سەمىمىيەتسىزلىك بىر قارار. چۈنكى خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ھەممىگە ئايان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز. بۇنىڭغا قارشى تۈركىيىدە خىتاينىڭ مەدەنىيەت يىلى ئېلان قىلىنىشى، پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ماڭا نىسبەتەن شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قىلىنغان بىر ھاقارەت ۋە ئەيىبلىك بىر ئىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن ھېچ قانداق پايدا كەلمەيدۇ، دەل ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىھانەت قىلغان بولىمىز.

يىغىندا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان بىلكەنت ئۇنىۋېرىسىتىگە قاراشلىق تۈرك دۇنياسى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جانەر ئاسباش ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

جانەر ئاسباش ئەپەندى، سىز ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايسىز؟ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلار بىلەن بىزنىڭ مىللى، دىنى ۋە مەدەنىيەت، تارىخ قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىمىز بار. بىز ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش دەپ قارايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياردەم قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئويلايمىز. بىز ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ ھەقتە بىر خىزمەت باشلىدۇق. كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى داۋام قىلىمىز.

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيە ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىن، ئۇلار كۈتكەن دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىدى. ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى ئاخباراتلاردا كۆپلەپ ئېلان قىلىنسا، ئىنسانلار شەرقىي تۈركسىتاندىكى قېرىنداشلىرىمىز قانداق ھالەتتە ياشاۋاتىدۇ، نېمە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە، دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەر تەرىپىدىن ياردەم قىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. بىز ھەر زامان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە. ئاللاھ پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى نىسىپ قىلغاي.