تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن تۈركىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئۆز دۆلەتلىرىگە كېتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە پارلامېنت سايلانغان كىشىلەر، رەھبەرلەر، كادىرلار، تىجارەتچىلەر، دوختۇر، ژۇرنالىست، ئىنژېنېرلارمۇ بار.
ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ قايتقان بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابلېكىم مەمەت، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئابدۇرېشىت جېلىل قاتارلىق ئىلىم ئادەملىرى قاتناشتى. 4 كۈن داۋام قىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا تۈركىيىدە ئوقۇپ يۇرتلىرىغا قايتقان كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ تۈركىيە بىلەن ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىن جەريانىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلان -پروگراممىلار تۈزۈپ چىقىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سالىھ چەلىك سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە 1991-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ تۈركىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئەكېلىپ ئوقۇتۇش ئىش پىلانىنى يولغا قويغان ئىدى. ھازىرغىچە 54 دۆلەتتىن كەلگەن مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتتۇق. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىپ ئۆز دۆلىتىگە تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە.»
تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى مۇئاۋىنى سالىھ چەلىك يىغىندا قىلغان سۆزىدە، قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق قېرىنداش دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلقلەر بىلەن بولغان ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق تارىخ رىشتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى سالىھ چەلىك تۈركىيىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە شەخسى شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مائارىپ جەھەتتىن كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇ كۆۋرۈكلۈك رولىنى باشقا ساھەلەردىمۇ ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيىنىڭ 1991-يىلى يولغا قويغان بۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇش ئىش پىلانىدىن ئۇيغۇرلار قانداق پايدىلاندى. بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتكە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئېيتىشىچە، 1985-يىلىدىن كېيىن 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيىدە ئوقۇغان. بۇلارنىڭ كۆپى تۈركىيىدە قالغان، يەنە بىر قىسمى ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كەتكەن. تۈركىيە بۇلارنى ئوقۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلسۇن دېگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى خىزمەت بەرمىگەچكە، ئۇلار قايتالمىغان. ھازىرغىچە تۈركىيىدە ئوقۇپ خىتايغا قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10غا بارمايدىكەن.