پەن خۇڭشياڭ: "خىتايدا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى قارارلاشتۇرۇلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى" (1)

نۆۋەتتە خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا خىتايدا بۇ 60 يىلدىن بۇيان ھەقىقىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ھەم بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلار كۆپەيمەكتە. " ئوتتۇرا جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى"نىڭ دوتسېنتى فەن خۇڭشياڭ بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماقالە ئېلان قىلغان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.07.27

فەن خۇڭشياڭ ماقالىسىدە، خىتايدا نامى " مىللى ئاپتونومىيە" دەپ ئاتالغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى ھېچقاچان ئەمەلىيلەشمىگەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭ مىللىتى ئاپتونوم رايونى، نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى قاتارلىق 5 ئاپتونوم رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، خىتايدا ھازىرغىچە ھەقىقىي ھالدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

" ئاپتونومىيە قانۇنى مىللەتلەر قانۇنى سېستىمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەمما بۇ تۈزۈلمە دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە قارارلاشتۇرۇلمىدى. بۇ خىل ئەھۋال بىۋاستە ھالدا مىللەتلەر قانۇنىدىكى " ئۈزۈلۈش ھادىسىسى"نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنداقلا "مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى" ھەم دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ"مىللىي رايونلارنىڭ ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىش قانۇن بەلگىلىمىسى" نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى" دەپ باشلايدۇ فەن خۇڭشياڭ ماقالىسىنى.

فەن خۇڭشياڭ ماقالىسىدە، خىتايدا ئاپتونومىيە دەپ ئاتالغان 5 ئاپتونوم رايون ئىچىدە پەقەت نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى" نىڭلا ئاپتونومىيە قانۇن بەلگىلىمىلىرى تۈزۈشنى 9 - بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزگەنلىكىنى، قالغان 4 ئاپتونوم رايوندا بولسا ئاپتونومىيە قانۇن بەلگىلىمىلىرى تۈزۈش ئىشىنىڭ توختاپ قالغان، ھەتتا ھېچقاچان ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فەن خۇڭشياڭ ماقالىسىدە نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىدا 60 يىلدىن بۇيان ئاپتونومىيە قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.

"نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى 2008 - يىلى "ئاپتونومىيە قانۇنى بەلگىلىمىلىرى تۈزۈش" ئىشىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 10 - نۆۋەتلىك دائىمىي ھەيەتلەر يىغىنىدا تەتقىقات تېمىسى قىلىپ بەلگىلىدى، ھەم 9 - بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزدى. نىڭشادا ئاپتونومىيە قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈش ئىشى 1980 - يىلى باشلاندى. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 16 قېتىم "مىللى ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرى"تۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايون مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ مۇزاكىرە قىلدى ھەم 2008 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن تۈزۈش تەتقىقات تېمىسى قىلىپ بەلگىلىدى."

ئاپتور ماقالىسىدە ئىچكى موڭغۇل، تىبەت، گۇڭشى ئاپتونوم رايونلىرىدا " ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرى تۈزۈش" ئىشىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولسا " ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرى تۈزۈش" خىزمىتىنىڭ ھېچقاچان ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.

"ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈش ئىشى 1980 - يىلى باشلانغان بولۇپ 1993 - يىلغىچە بولغان 13 يىل ئىچىدە جەمى 22 پارچە لايىھە تۈزۈلدى.1994 - يىلدىن كېيىن بۇ خىزمەت توختاپ قالدى. گۇاڭشى جۇاڭ مىللىتى ئاپتونوم رايونىدا بۇ خىزمەت 1957 - يىلى باشلانغان بولۇپ، جەمى 19 پارچە لايىھە تۈزۈلدى، 1994 - يىلدىن كېيىن گۇاڭشىدا بۇ خىزمەت توختىدى. تىبەت ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 1959 - يىلدىن ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكتە ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرى تۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم ئىشخانىسى قۇردى، 2006 - يىلغىچە، جەمى 16 پارچە قانۇن لايىھەسى تۈزۈلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 6 ئاپتونوم ناھىيە بار. 2001 - يىلدىن بۇيان ئاپتونوم ئوبلاست ھەم ئاپتونوم ناھىيىلەردە يەككە ھالدىكى " ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرى " تۈزۈلدى، ئەمما ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا " مىللىي ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈش"ئىشى ئېلىپ بېرىلمىدى"

ماقالىدە ئاپتور يەنە، ئاپتونومىيە قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى تۈزەش ئىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن توختاپ قالغانلىقى ياكى ھېچقاچان ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتايدا 60 يىلغىچە، ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنىڭ تۈزۈلۈپ بولالماسلىقىدىكى ھالقىلىق مەسىلە، يۇقىرىدا" مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ تەسلىكى"، تۆۋەندە ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ، بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالماسلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ئىكەن.

ئاپتور مۇنداق بايان قىلىدۇ:"بۇ 5 ئاپتونوم رايوننىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرساق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەت ئاپتونوم رايونى ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈشتە ئەڭ پاسسىپ ھالەتتە تۇرغان. نەتىجىدە قالغان 3 ئاپتونوم رايون ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈش ئىشىدا ئىككىلىنىپ قالغان. 60 يىلغىچە ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلاردا ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنىڭ تۈزۈلۈپ بولالماسلىقىدىكى سەۋەب 4 نۇقتىدا ئىپادىلەنمەكتە.

1 - مەركەز نامدا ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايونلار تۈزمەكچى بولغان يەرلىك ئاپتونومىيە قانۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، شۇڭا ئاپتونوم رايونلار قانۇنى ئەمەلىيلىشىپ بولالمىدى.

2 - مەملىكىتىمىزدە يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەشتە، ئۇزۇندىن بۇيان قانۇن ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى سىياسەت ئارقىلىق باشقۇرۇش ئاساس قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم تىبەتتە مەركەزنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن ئىش قىلىش خاھىشى كۈچلۈك بولۇپ، يەرلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى تۈزەشكە سەل قارىدى. 3 - بۇ 5 ئاپتونوم رايونىدىكى بىر - بىرىنى كۆزىتىش خاھىشى، ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئارقىغا سۈردى.مەركىزى ھۆكۈمەت سىياسەت بەلگىلەشتە ھەر ۋاقىت تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئاساس قىلدى، شۇڭا باشقا قالغان 3 ئاپتونوم رايون ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنلىرىنى تۈزۈشتە ئاكتىپ بولۇشىنى، ئۇلارغا ئەگىشىشنى مۇۋاپىق كۆردى، ئەمما بۇ ئىككى ئاپتونوم رايون بولسا، مەركىزى ھۆكۈمەتنى رەنجىتىپ، ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشتىن قورقتى. ئاپتونومىيە قانۇن بەلگىلىمىلىرى تۈزۈشتە ئاكتىپ بولمىدى.

4 - ئەسلى تۈزۈلۈپ بولغان ئاپتونومىيە قانۇن لايىھەلىرىمۇ دۆلەت ئىشلىرى كابىنتىنىڭ ھەرقايسى ھەيئەتلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە تەستىقىدىن ئۆتمىدى، بۇ خىل ئەھۋال ئەلۋەتتە ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ."

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.