11-نويابىر كۈنى ئەنقەرە شەھىرىدە تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلغان قانۇنشۇناس پروفېسسور، تۈركىيە قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئالى ئاقيىلدىز ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونى بولسىمۇ، ئەمما مۇستەملىكە مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بېسىم سىياسەتلىرى ھەم يەرلىك قانۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئارزۇسىنى ھەرگىزمۇ يوقىتالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئەنقەرەدىكى تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىدىكى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. خاتىرىلەش يىغىنىغا تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن فاھرەتتىن يوقۇش، تۈرك خەۋەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش رەئىسى ئىسمائىل قاراداۋۇت، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئوسمان ئۆزدەمىر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىر ۋەكىلى پروفېسسور ئۇيغۇر تازەبەي، تۈرك قانۇن ئىنستىتۇتى مۇدىرى پروفېسسور ئالى ئاقيىلدىز قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
خاتىرىلەش يىغىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ياڭرىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولغان كوجاتەپە جامەسىنىڭ ئىمامى مۇستافا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن شېھىت بولغان بارلىق قېرىنداشلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.
تۈركىيە قانۇن ئىنستىتۇتى مۇدىرى، پروفېسسور ئالى ئاقيىلدىز ئەپەندى 12-نويابىر كۈنىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ:
«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ بۆشۈكى. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز. تۈرك دۇنياسى بەزىدە ئەركىنلىكىنى قولىغا ئالغان بەزى زامانلاردا مۇستەقىللىقىنى يوقاتقان ھالدا مەۋجۇدىيىتىنى بۈگۈنگىچە يوقاتماي كەلگەن. سەددىچىندىن تاكى ئوتتۇرا ياۋروپاغا قەدەر تارقالغان تۈركلەر دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ زور بىر قىسمىنى ياراتقان. بۇ يىغىننىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى مانا بۇ نۇقتىلاردىن بىلىنىدۇ» دېدى.
ئاقيىلدىز ئەپەندى سۆزىدە يەنە خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇققا ئىگە بولالايدىغانلىقى، ئەمما خىتاي دىكتاتورىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغىمۇ تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى رەئىسى خەيرۇللا ئەپەندى تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يىمىرىلىش جەريانىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى 1955-يىلى ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇ قانۇننىڭ ھەقىقىي يۈرگۈزۈلگىنى يوق. ئىچكى سىياسەتتە ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش، تاشقى سىياسەتتە مەركەزنىڭ ئېغىزىغا قاراشتىن ئىبارەت بۇ ئاپتونومىيە قانۇنى بۈگۈنكى كۈندە كەلگەندە قەغەزدىكى قۇرۇق گەپتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننى تامامەن بىر مۇستەملىكە رايونغا ئايلاندۇرۇپ بولدى.»
خەيرۇللاھ ئەپەندى نۇتقىدا يەنە ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى بەزى ماددىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئاپتونوم رايونلاردا ھەرقايسى مىللەت ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش ئەركىنلىكىگە ئىگە، دەپ كۆرسىتىلگەن. خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن، بىر مەزگىل ئۇيغۇرچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلار، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاۋۋال ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاندىن تولۇق ئوتتۇرا، ئاخىرىدا باشلانغۇچ باسقۇچلىرى بويىچە ئۆز تىلىدا بىلىم ئېلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا.»
ئۇ، ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ماددىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنۇلارنى دېدى:
«ئاپتونومىيە قانۇنىدا ھەر ئاپتونوم رايون ئۆز خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ. ھېچقانداق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە شەخس باشقىلارنى مەلۇم دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىككە زورلىيالمايدۇ. دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەپسۇس شەرقىي تۈركىستاندا بۇ قانۇن دەپسەندە قىلىنماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا كوممۇنىست خىتايلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، قۇرئانى-كەرىم كۆيدۈرۈلدى، مەسچىتلەردە چوشقا بېقىلدى، دىنىي ئۆلىمالار تۈرمىگە تاشلاندى.»
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
ئەڭ ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارغا خاتىرە بويۇم سوۋغا قىلىش بىلەن يىغىن ئاخىرلاشتى.