خىتاي 2010-يىللىق ئاق تاشلىق كىتابىدا گۇمانلارنى يوقىتىشقا تىرىشتى

خىتاينىڭ 2010-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ مەقسىتى، ۋەزىپىسى ۋە شۇنداقلا ھەربىي راسخوتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

كىتابتا يەنە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىلچىلىكى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مۇستەقىلچىلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قەتئىي زەربە بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە بايان قىلىنغان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ بۇ يىل 7-قېتىم ئېلان قىلىنىشى بولۇپ، كىتابتا خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، رايون ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر بايان قىلىنغان. ئاق تاشلىق كىتابتا «نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە مەيدانغا كېلىۋاتقان چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتە ئۇچراۋاتقان رىقابىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى ۋە قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى» دېيىلگەن. ئۇنىڭدا، خىتاينىڭ يېڭى دەۋر دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە نىشانى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، بىخەتەر تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش دەپ كۆرسىتىلگەننىڭ سىرتىدا يەنە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي سۆھبەت ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 6 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال سېتىپ بېرىشنى قارارلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە توختاپ قالغان ئىدى. ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئامېرىكىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقا پائالىيەتلىرىمۇ خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:
«گەرچە دۆلىتىمىز قوراللىق ئىختىلاپلاردىن يىراق تۇرۇپ، بارلىق كۈچىنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراتماقچى بولسىمۇ، ئەمما رايوندا تۈرلۈك رىقابەتلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شۇنداقلا بۇ دۆلەت ئارمىيىلىرىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرى ئۈستىدە: ئاسىيا-تېنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىلىك رايونىدا ناھايىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلمەكتە. چوڭ كۈچلەر رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرماقتا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆزىنىڭ رايوندىكى ھەربىي ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلىۋاتقان ياردەمنى ئاشۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە كۆپ ئارىلىشىۋالىدىغان بولدى. ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بىر تۈس ئېلىشقا باشلىدى، دېيىلگەن.

كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مەزمۇن بولسا، خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاينىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەربىي راسخوتى ۋە ھەربىي ئىشلاردا ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرىنى ئىزچىل گۇمانغا سېلىپ كەلگەن ئامىللارنىڭ بىرى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سېرىق دېڭىز ئاسمىنىدا داۋاملىق تىك ئۇچارلىرىنى ئىشقا سېلىشى ۋە تېخنىكا كېمىلىرىنى چىقىرىپ، چارلاش ئېلىپ بېرىشى خىتاينىڭ سېرىق دېڭىز ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، نەتىجىدە بۇ خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا يېقىنلىشىشىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايانات قىلىشىچە، خىتاي بۇ نۆۋەت مانا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، بۇ يىللىق ئاق تاشلىق كىتابتا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتى ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى يوقىتىشقا ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن ياخشى ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىدەك نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان. يەنى، كىتابتا خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي جەھەتتىكى ئىشەنچنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باشقا دۆلەت ئارمىيىلىرى بىلەن 44 قېتىم قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن يادرو قورالى مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنغان كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە قايتا توختىلىپ، خىتاينىڭ تىنچلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەرگىز قوشنا دۆلەتلەر بىلەن زىتلاشمايدىغانلىقىنى، قانچىلىك قۇدرەت تېپىشىدىن قەتئىينەزەر ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كېتىشىدىكى سەۋەبمۇ ئاق تاشلىق كىتابتا مەلۇم بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتلىرىغا بولغان گۇمان قوشنا دۆلەتلەردە خىتايغا بولغان قارشىلىقنى كۈچەيتمەكتە، دەپ بايان قىلىنغان

ئەمما، خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئاق تاشلىق كىتابىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2011-يىللىق ھەربىي راسخوتى 601 مىليارد يۈەن دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى 530 مىليارد يۈەندىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. گەرچە ئاق تاشلىق كىتابتا ھەربىي راسخوتلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئاساسلىق ھەربىي خادىملارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، ھەربىي مەشىقلەرنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھەربىي لاۋازىمەتلەر دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدىكى ھەربىي راسخوتلارنىڭ ئىشلىتىش ئورنىغا بېرىلگەن ئىزاھاتنى ئانچە ئىشەنچلىك دەپ قارىمىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان رەقەمدىن كۆپ يۇقىرىلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كىتاب گەرچە خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن زورىيىشىغا بولغان گۇمانلارنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلار يەنىلا خىتاي ھەققىدىكى گۇمانلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولمىغان.