خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان
2011.04.26

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ ھالدا ئۆز خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش تەدبىرلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان تۇنجى يىرىك دوكلاتتۇر.
كىتابتا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلارنى تېررورلۇققا باغلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نۇقتىلىق كۆزىتىدىغان ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، خوڭكوڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھەرلىرىدە تەتقىقات مەركەزلىرى بار.
ئاق تاشلىق كىتاب ھەققىدە توختالغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى شارون ھوم خانىم مۇنداق دېدى: شۇنداق، بۇ ئاق تاشلىق كىتاب خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق رامكىسى ۋە خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش رامكىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلمىسى، سىياسىتى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىگە باھا بېرىپ چىققان تۇنجى كىتاب.
كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي كۈچەپ تەكىتلەۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەر بېرىش مەسلىكىنىڭ ئەندىزىسى تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بەدىلىگە توختىغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەن.
شارون ھوم خانىم خىتاينىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش سىياسىتى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» مەسلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى «ئۇچ خىل كۈچ» مەسلىكى دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي تېررورلۇقنى بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىققا باغلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش تەدبىرلىرى چېكىدىن ئاشقان ۋە يۇقىرى دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ پەقەت ئېتنىك ئازسانلىق مىللەت توپىغىلا قارىتىلىپلا قالماستىن، دائىم ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە زەربە بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، 2009- يىلى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش» بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكى ھەمدە بەلگىلىمىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىدا دائىرىلەرنىڭ «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىققا قاتتىق زەربە بېرىشى» گە قانۇنىي ئاساس ھازىرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
كىتابتا، «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش» بەلگىلىمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزگىچە شەكىلدە يولغا قويۇلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كەسكىن نازارەت قىلىنىشقا مۇپتىلا قىلغان بۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىر تەرەپلىمە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن «بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە چەكلىك شەكىلدە ئارىلىشىپ قېلىشى، شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشقا سەۋەب قىلىنماسلىقى ۋە ياكى شۇ سەۋەبتىن تىنچ يوسۇندىكى ئۇيغۇر نارازىلىق ھەرىكەتلىرى «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك».
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش تەدبىرلىرى خەلقئارا قانۇنلاردا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئۆلچەملىرىگە پۈتۈنلەي زىت ئىكەن.
ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاي دائىرىلىرى «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش دائىرىسىنى تارايتىشقا ۋە تېررورلۇق ئاتالغۇسىغا قايتا ئېنىقلىما بېرىشكە چاقىرىلغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش شتابى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە. تەشكىلاتقا خىتايدىن باشقا، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانلار ئەزادۇر.
ئاق تاشلىق كىتاب جەمئىي 373 بەتتىن تەركىب تاپقان. كىتابتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئەندىزىسى بويىچە ئۆز دۆلەتلىرىدىكى قارشى پىكىرلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەمدە پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرنى ب د ت دىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ قوغداۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان شارون ھوم خانىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە پاناھلانغان ئۇيغۇر قاتارلىق مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى تەسىرى زور. شۇڭا تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى شۇ پېتى تەكىتلەيدۇ.
دەرۋەقە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر 2001- يىلىدىن بۇيان ئۆز دۆلەتلىرىدە پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تېخىمۇ كەڭ تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ئۆزبېكىستان ھەتتا كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھۈسەيىن جېلىلنى 2006- يىلى تاشكەنتتە تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
خىتاي ھۈسەيىن جېلىلغا «تېررورچىلىق» جىنايىتى ئارتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.
http://www.hrichina.org/research-and-publications/reports/sco