يەنە ئىككى گۇماندار ئاقسۇدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ تۇتۇلدى

مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇدىكى يەرلىك ئاھالە ۋە ساقچى ئورگانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ئاقسۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رازۋېتكا بۆلۈمى 19 ‏- ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن ئاقسۇدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا چېتىشلىق دەپ قارالغان يەنە ئىككى گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﭺ ﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺘﻘﺎ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﭺ ﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺘﻘﺎ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
http://articles.latimes.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىشتىن 2 كۈن ئاۋۋال، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كۆكيار كەنتىدە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر قوراللىق قارشىلاشقۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاقسۇدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ باش ‏- ئاخىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. تۈنۈگۈن ئاقسۇ شەھىرىدىكى 6 ساقچىخانا ۋە يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، 19 ‏- ئاۋغۇست كۈنى پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىشتىن 3 كۈن ئاۋۋال، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كۆكيار دېگەن جايىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن بىر قانچە ئۇيغۇر قوراللىق قارشىلاشقۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.


يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تۈنۈگۈن، ئاقسۇدىكى پارتلىتىشقا چېتىشلىق دەپ قارالغان يەنە ئىككى گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغان. گۇماندارلار، ئاقسۇ شەھەر ياقىسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان يېرىدە تۇتۇلغان. تۈنۈگۈن يەنە 19 ‏- ئاۋغۇست پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ 2 گۇماندار تۇتقۇن قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن تۇتۇلغان ئىككى گۇماندار، 19 ‏- ئاۋغۇست پارتلىتىش ئېلىپ بارغان ھۇجۇمچىنىڭ شېرىكلىرى دەپ قارالماقتا ۋە ئىككى گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئارىدىن 2 سوتكىغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاخباراتتىن يوشۇرۇن تۇتماقتا. بىز بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇقۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

خىتاي دائىرىلىرى كوكياردىكى ۋەقەنى، قانۇن ساھەسىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ئۇقتۇرغان، ئەمما ئاخباراتقا ئاشكارىلىمىغان. ساقچىلار، كۆكياردىكى توقۇنۇشتا، بىر كىشى ئۆلگەن ۋە بىر ئايال كىشى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قۇمباش ساقچىخانىسىنىڭ يېزا ۋە كەنت دوختۇرخانىلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىنىغا قارىغاندا، كۆكياردىكى توقۇنۇشتا يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى ۋە قاچقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن خىتاي تور بەتلىرىدە، ئاقسۇدىكى خىتاي ئاھالىلىرى پىكىر بايان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ پارتلىتىش ۋەقەسىدىن ئاۋۋال، بىر تۈركۈم ئوق- دورا قاتارلىق پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى پاش قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن نەق مەيداندا ۋەقە كېلىپ چىققانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بولسا بۇ ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋەقەنىڭ ۋاقىت تەرتىپىدىن قارىغاندا، كۆكياردىكى توقۇنۇش، دولان كۆۋرۈكتىكى پارتلىتىش ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا مۆكۈنۈش ۋەقەلىرىنىڭ بىر- بىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ بۇلاردىن پەقەت، پارتلىتىش ۋەقەسىنىلا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت