لېكىن يەرلىك دائىرىلەر مەسچىتنىڭ رۇخسەتسىز سېلىنغانلىقى ۋە شۇ تۈپەيلى چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا مەسچىتنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى قوللاش توغرىسىدىكى ۋەدىنامىگە ئىمزا قويمىغانلىقتىن چېقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر مەسچىت 1999 - يىلى سېلىنغان
ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك دائىرىلەر كەلپىن ناھىيىسىنىڭ يۇرچى يېزىسىدىكى ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتىدە چېقىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەسچىت قۇمئېرىق كەنتىگە ئاز دېگەندە 70 كىلومېتىر كېلىدىغان كەلپىننىڭ ئىچتاغ دېگەن نامدىكى چارۋىچىلار رايونىغا جايلاشقان مەسچىت بولۇپ، مەزكۇر ئىبادەت ئورنى 1999 - يىلى سېلىنغان ئىدى. يېقىنقى 9 يىلدىن بېرى ئىچتاغدىكى يەرلىك دېھقان - چارۋىچىلار توسالغۇسىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر مەسچىت، بۇنىڭدىن ئاز دېگەندە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى كەلپىن ناھىيىسىدىكى سىياسىي ئورگانلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ چېقىۋېتىلگەن.
مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەن مەزگىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يەتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان، دائىرىلەر ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت ئەركىنلىكى، دىنىي ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى بوغماقتا، دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئالاقىدار تەرەپلەر ئىچتاغدىكى مەسچىتنىڭ چېقىلىش سەۋەبى توغرىسىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەردە بولۇشماقتا.
مەسچىت ئەھلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى قوللاش ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئولىمپىك يىغىنىغا باغلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ئۈستۈنكى قۇمئېرىقدىكى مەسچىتنىڭ چېقىلىشىغا مەسچىت ئەھلىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى قوللاش ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، "خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى قوللاش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشكە قىستىغانلىقى ئۇيغۇرلاردا قارشىلىققا ئۇچرىغانلىقى"نى ئەسكەرتىدۇ. لېكىن ۋەقە يۈز بەرگەن ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كەنت مەسئۇلى، مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلىش سەۋەبى ئەھدىنامىگە ئىمزا قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى.
مەزكۇر كەنت مەسئۇلى مەسچىتنىڭ چېقىلىش سەۋەبىنى ئۇنىڭ رۇخسەتسىز سېلىنغانلىقىغا باغلايدۇ. مەزكۇر كەنت مەسئۇلى چېقىۋېتىلگەن مەسچىتنىڭ قۇمئېرىق كەنتىگە 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان خۇپىيانە بىر جايغا سېلىنغانلىقىنى، تاغلىقلارنىڭ كۈز پەسلى سىرتىدا بۇ جايغا كۆپ يولۇقمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
ئىچتاغدىكى مەسچىتنىڭ سېلىنغىنىغا ئاز كەم 10 يىل بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم
ئەگەر مەسچىت رۇخسەتسىز سېلىنغان بولسا، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىكى بىخەتەرلىك قايغۇسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسا، يەرلىك دائىرىلەر يېقىنقى 9 يىلدىن بېرى ئۈن چىقارماي، نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەسچىتنىڭ رۇخسەتسىز سېلىنغانلىقى ئېسىگە كېلىپ قالدى ؟ قۇمئېرىقدىكى مەزكۇر كادىر بۇ سۇئالىمىزغا " بۇنىڭ ئىچكى سىرىنى بىلمەيمەن،" دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىچتاغدىكى مەسچىت شۇ يېزىدا ھۆكۈمەت تىزىملىكىدىكى مەسچىت ئىماملىرىغا ئىقتىدا قىلىشنى خالىمايدىغان بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان يېرى بولۇپ قالغانلىقى، بۇ ئىش يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەدە پاش بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى ۋە مەسچىتنىڭ چېقىلىشى شۇنىڭ بىلەن باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا دائىرىلەرنىڭ ئادەم تۇتقانلىقىنى رەت قىلغان كەنت مەسئۇلى، ئىچتاغدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇخالىق ئۆمەر ئىسىملىك ياش ئىكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا چېقىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەدە شۇ يېزىلىق ئون نەچچە ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بىر قىسىم ئادەملەر قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاز دېگەندە بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن يۇقىرىقى كەنت مەسئۇلى، بۇنىڭدىن بىر - ئىككى ئاي ئىلگىرى ئالدى - كەينى بولۇپ مەزكۇر يېزىدىكى ئۆمەرجان مۇھەممەت، ئادىل سەمەت ئىسىملىك ئىككى ياشنىڭ ئىچكىرىدە "گۈمپا" ئۆگەنگەنلىك سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى، بۇ ئىككىسىنىڭ ئىچتاغدا جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان ياشلار جامائىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئىچتاغدىكى مەسچىتنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھۆكۈمەت مەسچىتتىكى پۈتۈن قۇرئاننى مۇسادىرە قىلغان
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۈستۈنكى قۇمئېرىقدىكى مەسچىتنى چېقىۋېتىش قارارى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۆكتىچى قاراشتىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇ، قۇمئېرىقدىكى مەسچىت جامائىتىنىڭ قانۇنسىز مەسچىت رېمونت قىلىش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەردە بولۇش، قۇرئان - كەرىمنى قانۇنسىز ساقلاش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا " ھۆكۈمەتنىڭ مەسچىتتىكى پۈتۈن قۇرئاننى مۇسادىرە قىلغانلىقى... قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن "خەيرلىك" بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىگە ئېغىر چەكلىمىگە قويۇۋاتقانلىقى، بۇ چەكلىمىلەر "ئولىمپىك روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ" چەكلىمىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر تەشكىلات"بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بايقۇت قىلىنىشى كېرەك " دەپ قارىماقتا.
خىتاينىڭ "ئولىمپىكنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىش" ۋەقەسى
ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا كەلپىننىڭ ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتىدىكى مەسچىت چېقىش ۋەقەسىنى خىتاينىڭ "ئولىمپىكنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىش" ۋەقەسى، دەپ كۆرسەتتى. يەرلىك دائىرىلەر " گۆمپا" ئۆگەنگەنلىك تۈپەيلى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ياشنى ھازىرغا قەدەر قويۇپ بەرمىگەن. ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
قۇمئېرىق كەنتىنىڭ مەسئۇلى يۇقىرىقى بۇ ئىككى ياشنىڭ چېقىۋېتىلگەن ئىچتاغ مەسچىتىدىكى ياشلار جامائىتى بىلەن تونۇشلۇقى بولسىمۇ، لېكىن مەسچىت چېقىش ۋەقەسىنىڭ ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.