[ ۋەقە يېزىلىق ساقچىخانىدىن 500 مېتىر ئۇزاقلىقتىكى بىر كۆۋرۈك ئۈستىدە يۈزOpens in new window ]
بەرگەن. ۋەقەدە جەمئىي 7 كىشى ئۆلگەن 14 كىشى يارىدار بولغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چارلاش ئەترىتى 15 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلاردىن 4 نەپىرى ئۆلگەن قالغانلىرى يارىدار بولغان.
[ ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتOpens in new window ]
باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ ۋەقەنىڭ بىر جىنايى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھۇجۇم قىلغۇچى، ئۈچتۇرپانلىق 22 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياش.
بۈگۈنكى پارتلىتىش ۋەقەسىدە، يول ئۈستىدە كېتىۋاتقان پۇقرالاردىنمۇ 3 كىشى ئۆلگەن، يەنە بىر نەچچە كىشى يارىدار بولغان. يارىدارلار نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. يارىدارلاردىن يەنە بىر قىسمى 2 - دوختۇرخانىدا بولۇپ، نۆۋەتتە جىددىي قۇتقۇزۇش داۋام قىلماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.