خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ ۋەقە ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا مەلۇمات بەرگەن. بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تور بەتلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خەۋەر تارقىتىشىنى چەكلىگەن.
ئاقسۇ خەۋەر تورىدا پەقەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىنىڭ يارىدارلارنى يوقلىغان سۈرىتى بېرىلگەن. ئەمما، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە ۋەقەنى ئاشكارىلاشتا، ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسەتمەكچى بولغان.
بىراق، خەلقئارا خەۋەرلەردە، خىتاي ساقچىخانىسىنىڭ چارلاش ئەترىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئاساسى تېما قىلىنغاچقا، خىتاي بۇ نۇقتىدا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. نەتىجىدە ۋەقەنىڭ خەۋەر قىلىنىشىغا قارىتا چۈشىنىكسىز پوزىتسىيە تۇتماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى بولسا، ۋەقەنىڭ تاسادىپىي بىر ۋەقە ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا قارىتا بىر ئىسيان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى رۇقىيە تۇردۇش خانىممۇ پارتلىتىش ھۇجۇمىنىڭ، خىتاينىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا قارىتا ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.