بىز ئۇ كىشى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن سوتلىنىدىغان بالىنىڭ ئاغىنىسىگە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ھەقىقەتەن ئوچۇق سوت يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق. خەۋەرنى يەتكۈزگۈچى كىشى بىزگە، بۇ قېتىم سوتلىنىدىغانلارنىڭ بۇلتۇر يەنى 2008 - يىلى ئولىمپىكنىڭ ئالدى كەينىدە "مۇقىملىق" نى ۋە "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش "نى باھانە قىلىپ،گۇمانلىق كىشىلەر دەپ تۇتۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى.
بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئاقسۇ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ خەۋەرنى دەلىللىمەكچى بولغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى ئالغان نۆۋەتچى خادىم، بىزگە ئاقسۇ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ يىغىن زالىدا ھەر كۈنى سوت ئېچىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ بىلمەكچى بولغىنىمىز قانداق خاراكتېردىكى سوت ئىكەنلىكىنى سورىدى.
بىز ئۇنىڭغا ئولىمپىك مەزگىلىدە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تۇتۇپ كېلىنگەن بالىلار ئۇستىدىن ئېچىلىدىغان سوتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن بىزنىڭ قايسى گېزىتنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى قايتا سورىدى، ئۇ بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ئەتىلىككە ئىشخانىغا كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىم سوت ئېچىلىپ، جازا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلارنىڭ ئاساسلىقى، سىياسىي جىنايەت گۇماندارلىرى بولۇپ. رادىئومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن بۇ كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىم بۇلارغا بېرىلىدىغان جازا ئېغىر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلارغا ئاز دېگەندىمۇ 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم سوتلىنىدىغان بالىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا، تۈنۈگۈن يەنى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، سوت ئېچىلىشقا 2 كۈن قالغاندا ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەگەر ئۆزلىرى خالىسا، ئەتىكى سوت ئۇچۇن ئادۋوكات ياللىسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بىزگە ئۇچۇر يەتكۈزگەن بۇ كىشى سۆھبەت جەريانىدا، سوت ئېچىلىشقا 2 كۈن قالغاندا، سوتنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئائىلىسىگە سوت ۋاقتىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى، ھەم ئۇلارنىڭ ئادۋوكات تاللىسا بولىدىغانلىقىغا رۇخسەت قىلىنىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر كۆز بويامچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئادەتتە سىياسىي جىنايەتچىلەر ئادۋوكات ياللىغان ھالەتتىمۇ بۇ ئادۋوكاتنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق رولى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە بولغان 6 ئاي جەريانىدا " جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مۇقىملىقنى ساقلاش " قا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرجەم كۈتۈۋېلىشقا چاقىرغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىمۇ بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق نۇقتا " جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش "، " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلماقچى بولغان بۇ ئوچۇق سوت يىغىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نىڭ بىر ئىپادىسى دېيىش مۇمكىن.