ئاقسۇدا ۋەقە يۈز بەرگەن مەكتەپنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر باي ئابدۇراھمان ھاجى سالدۇرغان

مۇخبىرىمىز ئاقسۇ شەھىرى 5 ‏-باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتىن دەسسىلىش ۋەقەسىنى ئېنىقلاش جەريانىدا مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپنى ئەسلىدە، 15 يىلنىڭ ئالدىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەرھۇم ۋەتەنپەر ئۇيغۇر بايلىرىدىن ئابدۇراھمان ھاجى ئەپەندى سالدۇرغان.

0:00 / 0:00

جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان گەپلەردىن قارىغاندا، ئەينى چاغدا ئابدۇراھمان ھاجى مەزكۇر مەكتەپ ئۈچۈن ئايرىغان پۇل تولۇق ئىشلىتىلمىگەن. پۇلنىڭ قالغان قىسمى دائىرىلەرنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ سۇ ۋە يۇندا تۇرۇببىلىرى قورۇلۇشى تولۇق تاماملانمىغان. بۇ ئەھۋال ئاخىرى 29 ‏-نويابىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىستاڭچىلىقتىن دەسسىلىش ۋەقەسىگە سەۋەب بولغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاقسۇدا ۋەقە يۈز بەرگەن مەكتەپ ئەسلىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەرھۇم مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر بايلىرىدىن ئابدۇراخمان ھاجىنىڭ مەبلىغى بىلەن سېلىنغان. ئاقسۇدىكى ئاھالىلەرنىڭ ۋە ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى سالغان بۇ مەكتەپنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق كارى بولمىغان ۋە ھەتتا مەكتەپكە ئايرىلغان مەبلەغنىڭ بىر قىسمى ئاقسۇدىكى پارىخور ئەمەلدارلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇراھمان ھاجى ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھېلىھەم جامائەتچىلىك ئىچىدە تەرىپلەنمەكتە ۋە ياش ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىلھام بولماقتا.

ئەجەبلىنەرلىك، ئاقسۇدىكى مەزكۇر مەكتەپتە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلار مەزكۇر ۋەقەدىن ئىبرەت ئېلىش ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن يىغىن ئېچىشقان ۋە ھۆججەت ۋە ئۇقتۇرۇشلار تارقاتقان بولسىمۇ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىنى بىنا قىلغان مەرھۇم ئۇيغۇر باي ئابدۇراھمان ھاجىنىڭ ئەجرى ۋە نامى ھېچقانداق يەردە تىلغا ئېلىنمىغان.