ئاقسۇدىكى پارتلىتىش ۋەقەسى كانادا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر ئالدى

مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەتىگەندە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى كانادا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە يەر ئالدى.

0:00 / 0:00

كانادادا چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن يەر شارى مەكتۇپلىرى گېزىتى ۋە ك ب ك رادىئوسى قاتارلىق مەتبۇئات ۋاستىلىرى ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان تۈركى مىللەتلەر سىستېمىسىغا تەۋە مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى، رايوندا ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قارشى زور كۆلەملىك خەلق قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. نەتىجىدە، بۇ ۋەقە ئارقىلىق ئۇيغۇرلار كانادا خەلقىگە يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلدى.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاقسۇ شەھىرىدىكى شياڭگاڭ بازار، ۋاڭسەن ۋە ئىگەچى يېزىسى قاتارلىق جايلار ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى شۇنداقلا دىنىي زاتلار ۋە ياغلىق چىگىدىغان خانىم ‏- قىزلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل راھەتسىز قىلىپ كېلىۋاتقان رايونلار ئىكەن.

شۇ ۋەجىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى شەھەر رايونى بەرپا قىلىش دېگەن نام ئاستىدا شياڭگاڭ بازىرى ۋە ۋاڭسەن دېگەن جايلاردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ ئۇلارنى باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇۋەتكەن ئىكەن.

نۆۋەتتە ئاقسۇدىكى بىردىن - بىر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىگەچى يېزىسى كېچە ‏- كۈندۈز خىتاي ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن كۆزىتىلىدىغان نۇقتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاشىمجان ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇقىيە تۇردۇش خانىم، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆلۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.