ئارال توقايدا كەلكۈن ئاپىتىدە قالغان ئۇيغۇرلار ياردەمسىز قالدى

بىر ئايدىن بۇيان، ئادەتتىن تاشقىرى يامغۇر- يېشىن سەۋەبىدىن تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئۆرلەپ، دەريا ۋادىلىرىدىكى يۇرتلاردا، ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەلكۈن تەھدىتى ھاسىل قىلىپ كەلدى. دۈشەنبە كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە تارىم دەرياسى يۇقىرىقى ئېقىنىغا جايلاشقان ئارال توقاينىڭ يېزا، كەنتلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

يەرلىك دائىرىلەر بۇ جاينىڭ يۈز يىلدىن بۇيان ئۇچرىمىغان كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئاپەتتە قالغانOpens in new window ]

ئارال توقايغا قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىزدىن خىتاي بىڭتۇەن دائىرىلىرى ئاپەتتە قالغان خىتاي پۇقرالارنى جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا تېخىچە ياردەم بارمىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئىدارە، ئورگانلاردىن، ھەر مىللەت ئاممىسىدىن گەنسۇدا يۈز بەرگەن لاتقا ئاپىتىگە ئۇچرىغان خىتاي پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇشقا مەخسۇس ئىئانە توپلاۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا 50 يىل ھەتتا 100 يىلدىمۇ ئۇچرىمىغان كەلكۈن ئاپەتلىرى يۈز بەرمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق دەريا - ئېقىنلار يەنى تارىم دەرياسى، خوتەن دەرياسى، قاش، يورۇڭقاش، يەكەن دەريالىرىنىڭ بۇ يازدىكى سۇ يۈزى ئېگىزلىكى تارىختىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى ساننى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. تاشقىن ئاپىتىنىڭ بىشارەتلىرى تەڭلا ۋاقىتتا بۇ دەريا ۋادىلىرىغا تەھدىت كۆرسەتمەكتە. شۇنداقلا كەلكۈن، تاشقىن ئاپەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ جايلاردا ئىلگىرى ‏- ئاخىرى بىر ئايدىن بۇيان داۋام قىلماقتا.

بىڭتۇەن خەۋەر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بىڭتۇەن 1 - دېۋىزىيىسى چېگرا دائىرىسىگە ئېلىنغان ئالار، يەنى ئەسلى ئاقسۇنىڭ ئارال توقاي يېزىسى11 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ مىسلى كۆرۈلمىگەن كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان، مەزكۇر يېزا تارىم دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇدا ياققان شىددەتلىك يامغۇر تەسىرىدىن تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى يەنىمۇ ئۆرلەپ، ئارال توقايدىكى ئۆيلەرنى، كېۋەزلىكلەرنى بېسىپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارال توقايدا 11 - ئاۋغۇستقىچە 50 مىڭ مو ئەتراپىدا كېۋەزلىك ھەمدە مېۋىلىك باغلار ۋەيران قىلىنغان، كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 350 مىليوندىن ئاشقان، 13 مىڭغا يېقىن ئامما ئاپەتكە ئۇچرىغان، 400 دىن ئارتۇق ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، يەنە 200 دەك ئۆيلەر خەتەرلىك ئۆيلەرگە ئايلانغان، ئارالنىڭ كەلكۈن زەربىسىگە ئۇچرىغان جايلاردىكى، سۇ، توك، تاشيول، تېلېفون - تېلېگراف قاتارلىق ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرىمۇ ئاساسەن ۋەيران قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى ئاپەت رايونىغا دەرھال قۇتقۇزغۇچى ئەسكەر ھەم خادىملارنى ئەۋەتىپ خەلقنى ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى، كەلكۈننىڭ ئاساسەن تىزگىنلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا.

17 - ۋە 18 ‏- ئاۋغۇست كۈنلىرى ئارال توقاي يەنىمۇ شىددەتلىك كەلكۈنگە ئۇچرىغان، بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرى تېخىمۇ ئېغىر بولغان.

ئەمما، دائىرىلەر كەلكۈندە ئادەم چىقىمى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق مەلۇمات تارقاتمىدى. ھازىرغىچە كەلكۈن سەۋەبىدىن ئارالدىكى ئالتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىنىڭ 16 مىڭ 400 مو كېۋەزلىكى ۋەيران قىلىنغان. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان 30 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشقان.

شۇنداقلا بىڭتۇەن دائىرىلىرى مەخسۇس ئەسكەر ئەۋەتىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان جايدىن 600 يۈزچە ئاممىنى باشقا بىخەتەر جايلارغا يۆتكىگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

بىز ئارال توقايدا ئاپەتتە قالغان خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كۆپ قېتىم تېلېفون قىلدۇق، كەلكۈن زەربىسىدىن نۇرغۇن ئىدارە، ئورگان ۋە ئاممىنىڭ تېلېفون ئالاقىسىمۇ دەخلىگە ئۇچرىغان ئىكەن.

ئارال توقاينىڭ 1 - دادۈيىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان 6 - دادۈيدە ئەڭ ئېغىر بولغانلىقىنى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ پەقەت ئاپەتتە قالغان خىتايلارنى يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ بولسا، شىددەتلىك كەلكۈندىن ئۆز ‏- ئۆزىنى قۇتقۇزۇشتىن باشقا چارىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل ئاپەتلەر ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن، خىتاينىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەشۋىقاتلىرى بىلەن رېئال ئەھۋاللار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق پەرقلەر ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا قەشقەر، ئاتۇشلاردا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپەتلىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قانچە كۈنگىچە ئاپەتتىكى خەلققە ياردەم يەتكۈزمىگەنلىكى ئاشكارا بولغان ئىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 2 - كۈنىدە خىتاي دائىرىلىرى كۇچادىكى تاغلىق رايوندا كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغان خىتاي يول ياساش ئىشچىلىرى ھەم بىر قىسىم ساياھەتچىلەردىن تەركىپ تاپقان 1081 نەپەر كىشىنى تىك ئۇچار ئەۋەتىپ بىخەتەر جايلارغا يۆتكىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مېترولوگىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئاخباراتلىرىغا بەرگەن ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرى مۇشۇ مەزگىللەردە، جايلاردا يۈز بېرىدىغان تاشقىن ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرى بىر - ئىككى كۈن، ئۇزۇن بولغاندا بىر ھەپتە داۋاملاشقان، بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان كەلكۈن ئاپەتلىرى بىر ئايغا قەدەر داۋاملىشىپ، كەلتۈرگەن ئاقىۋەتلىرىمۇ ئېغىر بولماقتا ئىكەن.

شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قاتتىق ئىسسىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ھۆل يېغىنلىق ھاۋارايى يەنە بىر مەزگىل داۋام قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ قايتا ‏- قايتا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھېلى ھەم مەۋجۇت ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.