ئارسلان ئالىپتېكىن ۋاپات بولدى

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيىدىكى بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى، ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى، ئارسلان ئالىپتېكىن 2011-يىلى، 19-ئىيۇن كۈنى، 70 يېشىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى.

0:00 / 0:00

مەرھۇم ئارسلان ئالىپتېكىن 1941-يىلى، 18-مارت كۈنى خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1949-يىلى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كەشمىرگە قېچىپ چىققان ھەمدە 1952-يىلى تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن.

ئارسلان ئالىپتېكىن 1970-يىلى، دادىسى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرى ھىندونېزىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلاتقان.

1994-يىلى، ئىستانبۇلدا مەمتىمىن ھەزرەت بىلەن بىرلىكتە «شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنى چىقارغان.

1995-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە تۈركىيە پرېزىدېنتى سۇلايمان دېمىرەل بىلەن كۆرۈشۈپ، 120 ئۇيغۇرنىڭ گراجدانلىققا ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.

مەرھۇم ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى پائالىيەتلىرىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە باشقا شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئوقۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيىدە تېخىمۇ تونۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان ئىدى.

مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 21-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدىكى فائىتھ جامەسىدە ئوقۇلماقچى ھەمدە ئىستانبۇلدىكى ئائىلە قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنماقچى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئۆز تەزىيىلىرىنى بىلدۈرمەكتە.