ئارسلان ئالپتېكىن ئىستانبۇل، ئىزمىر قاتارلىق شەھەرلەردە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە دوكلات بەردى

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە، 26 - چىسلا بولسا ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۈنىۋېرسىتېتىدا `ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان` تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگۈچىلەردىن بىرى بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقپى باشلىقى ئارسلان ئالپتېكىننىڭ ئېيتىشىچە، ئىستانبۇل مارمارا ئۈنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىنغا 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

0:00 / 0:00

ئىزمىر مانىسادىكى يىغىنغا بولسا 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. بۇ يىغىندا تارىخچى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىلەن ئارسلان ئالپتېكىن سۆز قىلغان.

ئارسلان ئالپتېكىن ئەپەندى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە خىتايلارنىڭ تۈرك مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتلىرىنىڭ تامامەن ئۇيدۇرما ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ نۇتقىدا يەنە ، تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.

3 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا يەنە نېمەلەر بايان قىلىندى؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىندا سۆزلىگەن ئارسلان ئالپتېكىن بىلەن ئۆمەر قۇل ئەپەندىلەرگە تېلېفون قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.