ئارزۇ-ئۈمىد ۋە مۇرەككەپ زىددىيەتلەر بىلەن تولغان قىرغىزىستان

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىچىدە يەر مەيدانى كىچىك، نوپۇس سانى ئاز، سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئاجىز بىر مەملىكەت بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئورنىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ئىستراتېگىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىدىن ئىزچىل تۈردە ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز، كەمبەغەل مەملىكەت بولۇشىغا قارىماي، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، مەزكۇر سالاھىيەتكە ھەتتا رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئېرىشەلمىگەن. رۇسىيە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە خىتاينىڭ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، كۆپ قېتىم يېلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئارزۇسى ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشماي كەلمەكتە.

يېقىندا قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى پارلامېنت سىستېمىسىدىكى دۆلەتكە ئايلاندى. بىراق، ئەمدىلا تىنچلانغان بۇ مەملىكەتتە يەنە بىر قىسىم پارتىيىلەر ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىنى باشلىدى. بىر قىسىم جەمئىيەتلەر بولسا روزا ئوتۇنبايېۋانىڭ پرېزىدېنتلىق مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلايسىلەر.