ۋال ستىرىت ژۇرنىلى: «ئاسىيادا ئۇيغۇر ئوۋلاش»

مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ 11 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى قاتتىق تەنقىد قىلىندى. خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مالايشىيانى قالغان 5 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرماقتا.

0:00 / 0:00

مالايشىيا دائىرىلىرى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا 16 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، 18-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى بۇلارنىڭ 11 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. نۆۋەتتە قالغان 5 ئۇيغۇر مالايشىيادىكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى بۇ 5 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرماقتا.

مالايشىيانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار مالايشىيانى خەلقئارا قانۇنلارنى دەپسەندە قىلىش ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى نەزەرگە ئالماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى. مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى مالايشىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۈگۈن مالايشىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان «ئەركىن مالايشىيا» تەشكىلاتى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار باياناتىدا مالاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنىڭ مالايشىيا ئۈچۈن قاتتىق بىر نومۇس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە ئىگە بولغان كىشىلەرنى ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان بىر دۆلەتكە قايتۇرۇپ بېرىش مالايشىيا ئۈچۈن بىر نومۇسلۇق ئەھۋال. بىز مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشكە ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇندىن كېيىن ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىققا چاقىرىمىز.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە مالاي ھۆكۈمىتىنى قالغان 5 ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان مالايشىيانىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر رويتېرس، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق مۇھىم خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا خەۋەر قىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان سېدنىي سەھەر كۈندىلىك گېزىتى، ئامېرىكىدىكى ۋال سترىت ژۇرنىلى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ يەر ئالدى. دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىلىدىغان نوپۇزلۇق سىياسەت ۋە ئىقتىساد ژۇرنىلى بولغان ۋال ستىرىت ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىگە «ئاسىيادا ئۇيغۇر ئوۋلاش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

«مالايشىيانىڭ ئۆزىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئالدىدا قىلغان قەسىمىنى بۇزۇپ، بۇنداق بىر ئىشنى قىلغانلىقىغا ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى قايتۇرۇلغان بۇ كىشىلەر خىتايدا بېسىمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئىدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ بېسىمىغا بويۇن ئېگىپ، ئۇيغۇرلارنى سوئال-سوراقسىز خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكتە» دەپ باشلانغان مۇلاھىزىدە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ئىشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە بۇ ھەقتىكى بېسىمىنى ئاشۇرغانلىقى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ ئاينىڭ بېشىدا تايلاندتىن نۇر مەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر، پاكىستاندىن 5 ئۇيغۇر قايتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋيېتنام، لائۇس، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

مۇلاھىزىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى تەسىرى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى توشقاننى ئالدايدىغان سەۋزە قاتارىدا ئىشلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكەتمەكتە.»

ۋال سترىت ژۇرنىلىدىكى بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق سىياسىي بېسىملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانى بولغانلىقى بايان قىلىنىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەرقانداق كىشىنى ئۈچ خىل كۈچ ۋە تېررورچى دەپ قارايدۇ» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ماقالىنىڭ ئاخىرىدا: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن قوشنا دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان بېسىمى ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇنىڭ قوشنىسى بولغان ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىر ساۋاق بولىدۇ، يەنى، ئاسىيادىكى خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ زورىيىشىدىن ئەنسىرىشى ئورۇنلۇق» دەپ ئەسكەرتىلگەن.

نۆۋەتتە، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى 5 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە ئۈزلۈكسىز چاقىرىق قىلماقتا.