ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە چاقىرىلغان ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا

11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى تاكىشوكو ئۈنىۋېرسىتېتىدا «ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش» يىغىنى رەسمىي باشلاندى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا ياپونىيە، تەيۋەن، سىنگاپور، ۋېيتنام، نېپال، بېرما، دېموكرات خىتايلار، تىبەت، موڭغۇللاردىن بولۇپ 10 دۆلەتتىن كەلگەن پائالىيەتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ياۋرۇپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام ماھمۇت قاتارلىق كىشىلەر قاتناشماقتا. يىغىندا ئاسىيادا قانداق قىلىپ ياۋرۇپادىكىگە ئوخشاش بىر دېموكراتىيىنى بەرپا قىلىشنىڭ يوللىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. بىز يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەمەت توختى ۋە ئىلھام ماھمۇت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.