ۋاشىنگتوندىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقاتلار مەركىزى سەيشەنبە كۈنى تەييارلىغان ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە راسخوتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، كېيىنكى يىللاردا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ گېئوئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ئېشىپ بېرىش بىلەن تەڭ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەردىمۇ رول ئېلىش ئاكتىپلىقى ئۆرلىگەن. ھازىر ئاسىيادىكى بىر قانچە دۆلەت دۇنيادىكى ھەربىي راسخوتى زور دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي راسخوتىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئۆرلىشى داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن. ئاسىيادىكى ھەربىي مۇداپىئە راسخوتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ۋە رايونلار خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، ھىندىستان ۋە تەيۋەن بولۇپ، دوكلاتتا بۇ 5 دۆلەت ۋە رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە راسخوتىنىڭ 2000-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆزگىرىش نەتىجىلىرى تەتقىق قىلىنغان.
تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، 2011-يىلى بۇ 5 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ھەربىي مۇداپىئە راسخوتى 224 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئۆتكەن ئون يىلغا سېلىشتۇرغاندا 2 ھەسسە ئۆرلىگەن. كېيىنكى يىللاردا ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ھەربىي خىراجەتنى قىسقارتقان بولسا، بۇنىڭ ئەكسىچە ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەر يىلى بەلگىلىك پىرسەنت بويىچە ئۆرلەپ ماڭغان. مۇشۇ سۈرئەت بويىچە داۋام قىلغان تەقدىردە، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي مۇداپىئەگە ئاجراتقان راسخوتى ياۋروپانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. يۇقىرىدىكى بەش دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي راسخوتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت شۈبھىسىزكى خىتاي بولۇپ، 2005-يىلىدىن ئېتىبارەن ھەربىي راسخوتتا ياپونىيىنى ئېشىپ، ھەربىي راسخوت جەھەتتە ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن باشقا مۇستەقىل تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، خىتاينىڭ ھەقىقىي ھەربىي راسخوتىنىڭ پەقەت 50-60 پىرسەنت قىسمىنىلا ئاشكارىلايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىدىكەن. خىتاي رەسمىي رەقەملىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ 10 يىل ئىچىدىكى ھەربىي راسخوتى 4 ھەسسە ئۆرلەپ، ئىلگىرىكى 22 يېرىم مىليارد دوللاردىن 2011-يىلىغا كەلگەندە 29. 89 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئەمما مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بولسا خىتاينىڭ 2011-يىلىدىكى ھەربىي راسخوتىنى 142 مىليارد دوللار دەپ ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ ھەربىر ھەربىي بېشىغا چۈشىدىغان چىقىمىمۇ ئۆرلىگەن بولۇپ، 2001-يىلىدىكى بەش مىڭ بەش يۈز دوللاردىن 2011-يىلىدىكى 23 مىڭ دوللارغا يەتكەن.
خىتاينىڭ بۇ 10 يىل ئىچىدىكى ھەربىي راسخوتىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى 6. 13 پىرسەنت بولۇپ، جەنۇبىي كورىيە 8.4 پىرسەنت بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، ھىندىستان 6.3 پىرسەنت بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا، ياپونىيە 5.3 پىرسەنت بىلەن 4-ئورۇندا، تەيۋەن 8.1 پىرسەنت بىلەن 5-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي راسخوتى 2005-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالدىنقى 5 يىلغا قارىغاندا ئالاھىدە ئارتقان، بۇ دۆلەتلەر دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرىدىغان كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ئاۋىئاماتكا، ف35 ۋە ف-خ3 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى سەپلىگەن.
ياپونىيىنىڭ ھەربىي راسخوتى خىتايدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ياپونىيە 2011-يىلى ھەربىي مۇداپىئە ئۈچۈن جەمئىي 58 مىليارد دوللار ئاجراتقان. ياپونىيىنىڭ ھەربىر ھەربىي بېشىغا توغرا كېلىدىغان راسخوتى باشقا 4 دۆلەتتىن ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، 2011-يىلى ياپونىيىنىڭ ھەربىي بېشىغا توغرا كېلىدىغان راسخوتى 238 مىڭ دوللارغا يەتكەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كېيىنكى 10 يىلدىكى بولۇپمۇ 2005-يىلدىن بۇيانقى ھەربىي راسخوتىدىكى تۇيۇقسىز ئۆرلەش بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە بولغان ئەندىشىسىنىڭ ئارتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى خىتاينىڭ رايوندىكى باش كۆتۈرۈشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. خىتاي گەرچە ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر بىر تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى بىر زورىيىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ سۆزلىرى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئىشەندۈرۈشكە يەتمىگەن. نەتىجىدە، خىتايغا قوشنا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىردەك دېگۈدەك ھەربىي مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا باشلىغان. ئۇنداقتا، ئاسىيانىڭ ھەربىي خىراجىتىدىكى بۇ خىل ئۆرلەش يەنە قانچىلىك داۋام قىلىدۇ؟ دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارغا باغلىق ئىكەن. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ زورىيىشى، ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە تەيۋەنگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە شۇنداقلا جەنۇبىي ۋە شىمالىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىلىرىگە ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى جىددىيلىك داۋام قىلغان تەقدىردە، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي راسخوتلىرىمۇ داۋاملىق ئېشىپ بارىدىكەن.
ۋاشىنگتوندىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقاتلار مەركىزى 1962-يىلى قۇرۇلغان ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچىسىدىن باشقا، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن تەكلىپ قىلىنغان تەتقىقاتچىلىرى بار. بۇ تەتقىقات ئورنى 50 يىل جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سىياسىتىگە، بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك، مۇداپىئە، رايون مۇقىملىقى، ئېنېرگىيە رىقابىتى جەھەتلەردىكى سىياسىتىگە پىكىر-مەسلىھەت بېرىپ يول كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئورگانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.